|
| No - 1 [ تەڭرىتاغ تور رادىئوسىنىڭ ئېچىلىشى ياخىشى بوپتۇ ! ] |
![]() تەڭرىتاغ تور رادىئوسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ... رىياسەتچىلەرنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىش ئۇسلۇبىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە ۋە ياخشى ئىكەن . مەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى ، سەھىپىلىرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىللىشىشىنى ، ئۇيغۇر خەلقى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى چۈشۈنىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ تورمۇش ۋە خىزمەتلىرىدىكى ئايرىلماس بىر قىسمى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارلىق ئىشچى -خىزمەتچىلەرگە سالام !!!!
2010-6-24 10:44:06
تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىغىنىغا رەھمەت . بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردىن ئايرىلالمايدۇ .
|
| No - 2 [ قانۇن-نىزام ] |
![]() تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ جاپاكاش تەھرىر، مۇھەررىرلىرى، ھارمىغايسىزلەر. مەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ئىخلاسمەن كۆرۈرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەردىن ئۆمىد قىلىدىغىم سىلەرنىڭ تۈرلۈك قانۇن- نىزاملارنى تەڭرىتاغ تورى ئارقىلىق ئېلان قىلىپ تۇرىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن قىلىمەن
2010-6-1 12:07:24
قانۇن سەھىپىمىز يېخى يېقىندىلا ئېچىلدى ، مەزمۇنلارنى تولۇقلاۋاتىمىز ،
سىز دېگەن مەزمۇنلارمۇ بارغانسېرى تولۇقلىنىدۇ . رەخمەت سىزگە . |
| No - 3 [ قانۇن مۇنبىرى سەھىپىسىدىكى ماقالىنىڭ داۋامى قېنى؟ ] |
![]() مەن تەڭرىتاغ تور بېكىتىنى بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمەن ، بىراق ، تور بەتنىڭ قانۇن مۇنبىرى سەھىپىسىدىكى <<مەقسىدىگە يېتەلمىگەن مائارىپ نازارىتىنىڭ خىزمەتچىسى >> ناملىق ماقالىنى ئوقۇسام داۋامى يوق ئىكەن ، تولۇقلاپ قويساڭلار .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-05/21/content_75188.htm 2010-5-24 17:14:38
بۇ ماقالە مۇشۇنداق ئاخىرلاشقان . بىز بۇ ھەقتە ئاپتوردىن پىكىر ئالغان .
|
| No - 4 [ ئوي سىتۋىلىشتىن مەسلىھەت سورايمەن ] |
![]() مەن ئۈرۈمچىدىن 54 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا بىر پىڭفاڭ ئۆي سېتىۋالغان ئىدىم . بىراق بۇ ئۆينىڭ ھېچقانداق رەسمىيىتى يوق بولغاچقا ، توختام تۈزگەندە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزەلمىدىم ! شۇڭا ئۆزىمىز ئۆز ئارا توختام تۈزدۇق . كېيىن مۇشۇ ئۆز ئارا تۈزگەن توختامنى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلامدۇ ؟ مەن يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك ؟ مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار !
2010-5-22 17:18:33
جاۋاب : نەرسە ھوقۇق قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مۇقىم مۈلۈك تىزىملىتىلغاندا مۈلۈك ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ . سىلەر تۈزۈشكەن توختام كۈچكە ئىگە . لېكىن ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئەتىگە تاقابىل تۇرالمايدۇ . دىمەكچى بولغىنىم ، بۇ ئۆينىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى چىقسا ياكى دۆلەت يەر ئىشلەتمەكچى بولسا سىز شەرت قويالمايسىز .
|
| No - 5 [ بالا بېقۋېلش تۇغرېسدا ] |
![]() مەن ۋە يولدىشىم ئىككىلىمىز دۆلەت كادىرى . بىزنىڭ ئىككى ئوغۇل پەرزەنتىمىز بار . كىچىگى 1 ياشقا كىردى . بىزنىڭ بىر قىز بېقىۋالغىمىز بار ئىدى . (ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلاردىكى يېتىم بالىلاردىن بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ) شارايىتىمىز ياخشى . بۇ ئىلتىماسنى نەگە دېيشىمنى بىلمىدىم . مەسلىھەت بەرسىڭىز ؟
2010-5-21 17:51:54
جاۋاب : ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنسىڭىز بولىدۇ .
|
| No - 6 [ شىركەت قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت سوراش ] |
![]() بىز ئىككى ئادەم بىرلىشىپ چىتەيدىكى كۆمۈرلۈكنى ھۆددە ئالغان بىر شىركەت بىلەن كۆمۈرلۈكنىڭ ئۈستىدىكى توپىنى ئېچىشنى كۆتىرە ئالغان . توختامنىڭ تەلىپىدە ئىش باشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم كارخانا تىپىدىكى ھىساۋاتىمىز بولۇش كېرەك ئىكەن. دېمىسىمۇ تىجارەتنى قانۇنىي يول بىلەن قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە . بىراق بىز ‹‹شىنجاڭ›› نامى بىلەن شىركەت قۇرايلى دېسەك سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغ سومماڭلار بويىچە بانكىدا پۇل ئامانەت قويۇشىڭلار كېرەك دەيدۇ. بىز توختام كاپالەت پۇلى ، ماشىنا ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋېلىش ... قاتارلىق ئىشلارغا نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بولغاچقا بانكىدا پۇل قويۇش ئىمكانىيىتىمىز قالمىدى. ھۆكۈمەت ‹‹تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇش ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش›› نى تەكىتلەۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ، بۇنداق قاتتىق تەلەپ قويماي ئىش ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى يوقمىدۇ؟؟؟؟ تېزدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار .
2010-5-21 16:10:10
جاۋاب : قولىڭىزدا نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بار ئىكەن ، دېمەك شىركەت قۇرۇشنىڭ يېرىم شەرتى ھازىرلىنىپ بوپتۇ . بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ : 15009910191 |
| No - 7 [ سۇغۇرتا قانونى ] |
![]() ياخشىمۇسىز !مەندە ئەسلى سۇغۇرتا قانونىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى
بار ئىدى ،لىكىن تەرجىمە قىلىپ بولالمىغان ،مەن بۇتوربەتتىن ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم ،مەن بۇ ماتىرىيالغا جىددى ئىھتىياجلىق ئىدىم ،لىكىن بۇتوربىكەتتىكى ماتىرىياللارنى كۈچۈرۈش چەكلىنىپتۇ ،مەن قانداق ئۇسۇل قوللانسام بۇلىدۇ ؟خاپا بولماي ماڭا جاۋاب قايتۇرسىڭىز بوپتىكەن ،رەھمەت ! 2010-5-19 23:00:58
ئىلىخەت ئادىرىسىڭىزغا يوللاپ قويدۇم . شۇ يەردىن كۆرۈڭ .
|
| No - 8 [ ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدا ] |
![]() مەن ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىينى ئىشلەشكە ئەمدىلا كىرىشتىم،مىنىڭ تەجىربەم كەمچىل بولغاچقا ئارخىپ تۇرغۇزۇش،مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تەيارلاشتا قىيلىنىپ قالدىم.بولسا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىلەپ بەرساڭلار.ئارخىپقا نىمىلەر سېلىنىدۇ؟.ئەمىلىي قايسى خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ؟ رەھمەت...
2010-5-7 1:19:15
ياخشىمۇ سىز
سىز ئېھتىياجلىق بولغان بۇ مەزمۇنلار تورىمىزدا ھازىرچە يوق . سىز بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ |
| No - 9 [ ياردەم سوراش ] |
![]() مەن سىلەرنىڭ تور بىكتىڭلارغا ئەسەر ئەۋەتەي دىگەن ئىدىم ،لىكىن ئەۋەتسەممۇ مۇۋاپپىقيەتلىك بولمىدى، شۇڭا ئەۋەتەلمىدىم ، قانداق ئەۋەتىشنى ئىيىتىپ بىرەلەرسىلەرمۇ ؟؟؟؟
2010-5-6 20:33:21
ياخشىمۇ سىز .
ئەسەر ئەۋەتىشتە سىز ئاۋۋال '' بېكەت ئۇقتۇرۇشى " كۆزنىكىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىلارغا خەتنى چېكىڭ . |
| No - 10 [ يىزا ئىگلىك پەن تىخنىكا بىلىملىرى ] |
![]() يىزا ئىگلىك پەن تىخنىكا بىلىملىرى ۋە ئۇچۇرلانى قۇشۇپ قۇيشىېڭلانى ئۇمۇت قىلمەن
2010-5-6 18:33:01
ياخشىمۇ سىز
دېگەن مەزمۇنلارنى پات ئارىدا كۆرەلەيسىز رەخمەت |
| No - 11 [ مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىدىكى ئىلغار شەخىسلەرنىڭ ئىش ] |
![]() مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىدىكى ئىلغار شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان تور بىكەتلىرى ياكى مەزمۇنلار بولسا ئادىرسىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار؟ ھەر قايسى تورداشلارغا سەمىمى مىننەتدارلىق بۇلدۇرگەن بولاتتىم
2010-5-6 17:31:10
ياخشىمۇ سىز .
بۇ مەزمۇندىكى ماقالىلارنى تورىمىزنىڭ "قىزىق نۇقتا" كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدىكى "بارمىدۇ " دىن ئىزدەڭ . |
| No - 12 [ تەكلىپ ] |
![]() تور بېتىڭىلارنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك . قانداق ئالاقە قىلىمىز.
2010-4-28 16:28:41
ياخشىمۇ سىز .
ئەسەر ئەۋەتىش مەشخۇلاتى تورىمىزنىڭ ''ئىختىيارىي مۇخبىرىلارغا خەت " كۆزنىكىدە كۆرسىتىلگەن . ئالاقىلىشىش تېلېفونىمىز 8521981 -0991 |
| No - 13 [ تەكلىپ ] |
![]() ياخشىۇمىز سىزلەر:
سىلەرنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى كەڭ تورداشلار ۋە ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگىنىڭىزلەر ئۈچۈن كۆپ رەھمەت؛ بۇندىن كىيىنمۇ توربەت سەھىپىلىرىنى تېخمۇ رەڭدار،سەرخىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇچۇرى،ئىقتىساد، تۇرمۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپرەك تەييارلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 2010-4-28 16:23:22
رەخمەت سىزگە .
تەكلىپ-پىكىر بېرىپ تۇرۇڭ . |
| No - 14 [ كەلگۈسى ئۈچۈن ] |
![]() تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنى باشقۇرىۋاتقان ئاكا-ھەدىلەر ياخشىمۇسىلەر ! مەنمۇ تەڭرىتاغ تورىنىڭ قىزغىن ھەۋەسكارى . لىكىن كىرسەملا ھەممىسى چوڭلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن ئىكەن ،بىزار بولۇپ يىنىپ چىقىمەن . ئەگەردە مۇمكىن بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ دەستىن سىرىتقى يولۇققان مەسىلىلىرىگە جاۋاپ بىرىدىغان كۆزنەك ئاچسا . بەك ياخشى بولاتتى . نۇرغۇن ئوقوغۇچىلار توردا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بولماسلىقى تۈپەيلىدىن تور ئۇيۇنلىرىغا قىزىقىپقىلىۋاتىدۇ.مەنمۇشۇلارنىڭ بىرى شۇڭا سىلەرنىڭ مۇشۇتوغىرسىدا ئويلىشىپ بىقىشىڭلارنى ئۈمىدقىلىمەن.
2010-4-27 23:38:00
ياخشىمۇ سىز ساۋاقداش .
سىز يازغان بۇ تەكلىپ بىز ئويلىشىشقا تېگىشلىك ياخشى تەكلىپكەن . رەخمەت سىزگە . |
| No - 15 [ ئىمىلا جەھەتتە ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ تەھرىرلىرى ، يېقىندىن بۇيان << مىنىستىرلىك ، مىنىستىرلىكى >> دىگەن ئاتالغۇلار << مىنىستىرلىق ، مىنىستىرلىقى >> دىگەنگە ئۆزگىرىپ قالدى ، سەۋەبى نىمىكىن ؟ مىنىستىرلىق دىسە پەقەت قۇلاققا ياقمايدىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋەبىنى بىلىپ باقاي دىگەن ئىدىم .
2010-4-27 23:35:04
ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى يېڭىدىن << ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لوغىتى>> نى تۈزۈپ تارقاتتى . شۇنىڭغا ئاساسەن ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئىملاسىدا ئۆزگىرىش بولدى . ۋاقتىڭىز بولسا مۇشۇ لوغەتنى كۆرۈپ باقارسىز .
|