|
| No - 1 [ مۇختەر نۇرمۇھەممەت ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى جاپاكەش مۇھەرىرلەر ياخشىمۇ سىزلەر؟
يىقىنقى كۇنلەردىن بۇيان بىر قىسىم تورلارنىڭ ئىتىۋىتىلىشى بىلەن كومپىيۇتىرلارنىڭ ۋىرۇس ئولتۇرۇش يومشاق دىتاللىرىنى چۇشۇرۇش،ئەسلىدە بار بولغان ۋىرۇس ئولتۇرۇش يومشاق دىتالىرىنى يىڭىلاشقا ئامال بولماي ،كومپىيۇتۇرلىرىمىز پارالىچ ھالەتكە چۇشۇپ،قالدى،مۇمكىن بولسا سىلەرنىڭ ۋىرۇس ئولتۇرۇش يۇمشاق دىتاللىرىنى چۇشۇرش،يىڭلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئىتىشىڭلارنى سەممى ئۇمۇد قىلمەن، 2009-8-17 18:35:23
11-ئاۋغۇستتىن باشلاپ بىز باش بېتىمىزدە ۋىروسخور چۈشۈرۈش سۇپىسىنى تەسىس قىلىپ ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدۇق . قارىغاندا سىز بېتىمىزنى ئەستايىدىل كۆرمىگەن ئوخشايسىز . باش بېتىمىزدىكى << ۋىروسخور چۈشۈرۈش سۇپىسى >> نى بېسىپ ياكى بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كىرىپ ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/11/content_227421.htm |
| No - 2 [ رەيھانگۇل ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !تەڭرىتاغ تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى
مەخسۇس كۇرۇسقا قاچان ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ؟قاچان تۈگەيدۇ؟ 2009-8-17 12:09:59
مەخسۇس كۇرس 0 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى باشلىنىدىكەن. بۇ ئۇچۇرنى بىز 13-ئاۋغۇسىت يوللىغان . تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/13/content_228116.htm |
| No - 3 [ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ] |
![]() ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ياخشىمىۇ سىلەر! << 5-ئىيۇل >> ۋەقەسى سەۋەپلىك كىيىنگە قالدۇرۇلغان دۆلەت مەمۇرلىقىغا قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانى توغرىسىدا قانداق ئۇقتۇرۇشلار بار؟ ئېمتاھان ۋاختى زادى قاچانغا سۈرۈلدى؟
جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار ؟ ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم...! 2009-8-15 20:14:09
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/05/content_225663.htm
بۇ ئادىرىس ئارقىلىق سىز ئېرىشمەكچى بولغان ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز . |
| No - 4 [ مۇھەرىر لالەگە رىسالەتگۈلدىن سۇئال ] |
![]() ھۆرمەتلىك لالە ، سىز يوللىغان " خىزمەتچى قۇبۇل قىلغۇچىلار مەھەللىمىزگە كەلدى"ناملىق ئۇچۇرىڭىزنىڭ قايسى شەھەردە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەپسىز ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .
2009-8-15 14:45:51
ياخشىمۇ سىز ، سىز ئوتتۇرغا قويغان ئۇچۇر مۇشۇ ئادىرىستىكى ئۇچۇرغۇ دەيمەن . http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-08/13/content_228221.htm
بۇ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ يازغان خەۋىرى . بۇ خەۋەردىكى شەھەر ئۈرۈمچى شەھىرى . بىز ئادەتتە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كۈندۈلۈك خەۋەرلىرىنى تورىمىزغا بېرىمىز . گېزىتكە چىقىپ بولغان ماقالىنى بىز يەنە تەھرىرلەپ ئولتۇرمايمىز . توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . شۇنداقلا سىزنىڭ بىز بەرگەن خەۋەرلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . |
| No - 5 [ بىر كۈرۈمەن ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ،مەن بۇ تور ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئگە بولدۇم .
بولسا بۇنۇڭدىن كىيىن تېخمۇ مول مەزمۇنلارنى يەنى بزدەك ياش بالىلار ياخشى كۈرۈپ ئوينايدىغان ئېتىشىش ،قاتارلىق ئۇيۇنلارنى كىرگۈزۈپ بىزلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتسەڭلار بىزلەرمۇ خوش بۇلۇپ كىتەتتۇق. 2009-8-15 13:29:15
كەڭ تورداشلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىز ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ باش بېتىمىزدە <<تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى>> سەھىپىسىنى تەسىس قىلغان ئىدۇق . سىز شۇ سەھىپە ئارقىلىق تەلىپىڭىزگە جاۋاب تاپالايسىز .
|
| No - 6 [ ئۇچقۇن ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتاھانىنى ئىلىشنى شىنجاڭ رايونىدا كىچىكتۈرەرمۇ؟
2009-8-13 20:13:05
دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى توغۇرلۇق ئۇچۇرنى بىز كۈندە دېگۈدەك تورداشلارغا ئەسكەرتىپ تۇرىۋاتىمىز . تورداشلار پەقەت سەۋىرچانلىق بىلەن تور بەتنى كۆرۈپ چىقسىلا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئىگە بولالايدۇ . تۆۋەندىكى ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈڭ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/14/content_228624.htm |
| No - 7 [ ئەزھەر ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىنىڭلاردىن سىلەرگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام.....
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تور تىل-يىزىقىدىكى تور بېكەتلەر ئىچىدىكى باشلامچى تور بېكىتى . بۇنىڭغا ھىچكىممۇ كۆز يۇمۇۋالالمايدۇ ئەلۋەتتە. دىمەكچىمەنكى تەڭرىتاغ تور بېكىتىدىكى ئاكا -ئاچىلار ھەقىقەتەنمۇ جاپا چەكتىڭلار ،بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار تەمىنلىگىنىڭلارغا تۈمەنمىڭ رەھمەتلەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بىزنى داۋامىلق ياخشى خەۋەرلەربىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمبد قىلىمەن.... 2009-8-12 23:59:16
تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت . بىز داۋاملىق تىرىشىپ ، ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىمىز .
|
| No - 8 [ كەچۈرمۈش ] |
![]() ھۆرمەتلىك جاپاكەش تەھرىرلەر ياخشىمۇ سىلەر؟ ئاۋۋال سىلەرنىڭ تىنىڭلارغا سالامەتلىك خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
سىلەرنىڭ بىز كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇھىم خەۋەرلەرنى ئەۋەرتىپ تۇرغۇنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆيلەرنىڭ ئۇچۇرىنى بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. 2009-8-12 23:37:12
تورداشلار ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش بىزنىڭ بۇرچىمىز . سىلەرنىڭ بىز يوللىغان ئۇچۇرلاردىن مەنپەئەتكە ئېرىشىشىڭلار بىز ئۈچۈن خوشاللىق .
|
| No - 9 [ ئەنسەر ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
ئۈرۇمچىنىڭ ئىجتىمائىي ئامانلىق ئەھۋالىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ بەرگەن بولساڭلار ، رەھمەت ! 2009-8-12 15:11:19
ياخشىمۇ سىز ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىجتىمائىي ئامانلىق ئەھۋالىنى قىزىق نۇقتا سەھىپىمىزدە كۈندە بېرىۋاتقان ئىدۇق ، ئىككى كۈن بولدى . بۇ ھەقتە خەۋەر يوق . بىزمۇ خەنزۇچە بەتنىڭ بەرگەن خەۋىرىنى تەرجىمە قىلىمىز . ئەگەر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر بولسىلا بىز دەرھال خەۋەر بېرىمىز .
|
| No - 10 [ مەرھابا ] |
![]() مەخسۇس كۇرۇسقا قاچان ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ؟
2009-8-11 13:35:02
مەخسۇس كۇرۇسقا ئەتە 14-ئاۋغۇسىتتىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىدۇ . بۇ توغۇرلۇق خەۋەرنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/13/content_228116.htm ئەڭ يېڭى ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى قىزىق نۇقتا سەھىپىمىزدە بېرىلىدۇ . بۇ سەھىپىمىزگە دىققەت قىلغايسىز . |
| No - 11 [ ئۇچقۇن ] |
![]() دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا نەق مەيداندىن تىزىملىتىش شىنجاڭ رايونىدا كىچىكتۈرۈلدىمۇ؟
2009-8-10 22:21:06
بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/12/content_227746.htm ياكى قىزىق نۇقتا سەھىپىمىزدىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ . |
| No - 12 [ ئىدىل ] |
![]() ياخشىمۇسىز ، لالە خانىم ! ئۆتكەندە ئەسەرنى قانداق يوللاش ھەققىدە سىز بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنىدىم . دۇنيادكى بىر قانچە مىللەتنىڭ ماقال ـ تەمسىللىرىدىن ئازراق تەييارلاپ قويغانىدىم . سىلەرنىڭ توردا ئېلان قىلىشقا بولامدۇ ـ يوقمۇ ، بىلمىدىم . ئەۋەتىپ بەرسەم بولۇرمۇ ؟
2009-8-9 18:57:24
ئەلۋەتتە بولىدۇ . بىزنى ئەسەر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
|
| No - 13 [ دىلرۇس ] |
![]() ئەسسالام ئەلەيكۇم ! تەڭرىتاغ تور بېتى ئۈچۈن قان تەرىنى ئۈزلۈكسىز تۆكىۋاتقان مىھنەتكەش باغۋەنلەر سىلەرگە ئەڭ ئالى تىلەكلەر يار بولسۇن ! تەڭرىتاغ تورى ئارقىلىق مەمنۇمىيىتىمنى سىلەرگە بىلدۈرمەكچىمەن . ھۆكۈمەت ئاخبارات ساھەسىدىكى بىردىنبىر ئەڭ نوپۇزلۇق بۇ توربەتنىڭ يەنىمۇ زورىيىشىنى ھەم روناق تېپىشىگە تىلەكداشمەن . ئاخىرىدا سورايدىغىنىم ئەدىبىي ئەسەرلەرنى قانداق ئەۋەتىدۇ ؟ بىز ئەسەر ئەۋەتسەك قوبۇل قىلالارسىلەرمۇ ؟
2009-8-7 13:06:11
ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ ئۇسۇلى خەۋەر ئەۋەتكەنگە ئوخشاش ، سىز باش بەتتىكى بېكەت ئۇقتۇرۇشى ئىچىدىكى <<ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەت>>نى كۆرسىڭىز ئەسەر ئەۋەتىش ئۇسۇلى يېزىلغان . شۇنىڭغا ئاساسەن يوللىسىڭىز بولىدۇ .
|
| No - 14 [ ئەمەر ئەمەت ] |
![]() تەڭرىتاغ تور بېتىدىكى مۇھەرىر ئاكىلار ، ھەدىلەر . ياخشىمۇسىلەر ،
مەن ۋە مەن قاتارلىق نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ يىل 9 - ئايدىكى ئىمتىھانغا تور دا تىزىملاتقان ، ئەمما 1 - ئىيولدىن 20 - ئىيولغىچە ئېلىپ بېرىلدىغان نەق مەيداندا بېكىتىش خىزمىتى <<5 - ئىيول ۋەقەسى >>تۈپەيلىدىن 5 - ئىيول باشلاپ توختىتىلدى . مۇمكىن بولسا نەق مەيدان بېكىتىش خىزمىتىنىڭ نۇرمال ئەسلىگە كىلىش ۋاقتى بىلەن تەمىنلىسەڭلار بۇلۇپتىكەن . رەخمەت ! 2009-8-6 21:33:14
سىز قايسى ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق يېزىڭ ، بولمىسا بىزمۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالىمىز .
يېقىندا تەسىس قىلىنغان <<قىزىق نۇقتا>>سەھىپىمىزدە شۇ كۈندىكى خەلق بىلىشكە تېگىشلىك شۇنداقلا بىلىشكە قىزىقىدىغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بېرىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىمۇ بار . مەيلى قايسى خىلدىكى ئىمتىھان ئۇچۇرى بولسۇن ، بىز بۇ خىل ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ھامان تورداشلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەردار قىلىشقا تىرىشىمىز . |
| No - 15 [ نەرگىز ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
تەڭرىتاغ تور بېكىتىگە يېڭىلىقلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ، ئىزچىل تۈردە يوللاپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ قەلىبلەرنى تۈگىمەس لەرزىگە سالغان تەھرىر ، مۇھەررىرلىرىمىز ياخشىمۇسىلەر تەڭرىتاغ تور بېكىتىنىڭ يېڭى كۆرۈرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەيلى خەلقئارا ئۇچۇرلىرى بولسۇن ۋە ياكى دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر بولسۇن ۋاقىت بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ، ئەگەردە مۇمكىن بولسا "ھاۋارايىدىن مەلۇمات " سەھىپىسىنى يولغا قويۇپ تەڭرىتاغنىڭ جۇملىدىن پۇتكۈل شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىماتىدىن خەۋەردار قىلغان بولساڭلار ، مېنىڭچە كەڭ خەلق ئاممىسى تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ رەھمەت سىلەرگە 2009-8-6 13:55:42
سىزنىڭمۇ بىزگە تەكلىپ- پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . باش بەتتىكى <<بۈگۈنكى ئۈرۈمچى>>سەھىپىسىگە قارىسىڭىز ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندۈلۈك ھاۋارايى ئەھۋالىنى شۇ كۈندىكى تارتىلغان سۈرەت بىلەن بىرلىكتە كۆرەلەيسىز . بۇرۇن بىز شىنجاڭدىكى 16شەھەرنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنىمۇ قوشۇپ بەرگەن ئىدۇق . بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ھازىر پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭلا ھاۋارايى ئەھۋالىنى بېرىۋاتىمىز . بىز چوقۇم باشقا شەھەرلەرنىڭمۇ ھاۋارايى ئەھۋالىنى قوشۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز .
|