No - 1 [ تۇرسۇن ]
ياخشىمۇ سىزلەرتەڭرىتاغ تور بىكىتىنىڭ جاپاكەش باغۋەنلىرى ....
مەن ئۇزۇن بولدى تور بىكىتىڭلارنى زىيارەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ئىمكانىيەتنىڭ
بارىچە خەۋەر مەركىزىنى تېخىمۇ گۈللەندۇرسەڭلار....
يەنە بىر تەلىپىم : تور بىكىتىڭلارغا (خەنزۇچە) ئۆگىنىش سەھىپىسى ئاچقان بولساڭلار ...
سىلەردىن مىننەتدار بولغان بۇلاتتۇق سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم.   رەخمەت....
2009-8-5 22:36:47

بۇ تەكلىپىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ . بىز بۇ ئىشنى قىلىشنى بۇرۇنلا پىلانلىغان ، بىراق بۇ جەھەتتىكى تەييارلىق خىزمەتلەر پۈتمەي ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق . ئەمدى بۇ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز . رەھمەت .
No - 2 [ ئەخمەت مۇھەممەت ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەررىرلەر!
مەن يېقىندىن بۇيان، سىلەرنىڭ توردا بەرگەن ئۇقتۇرۇشىڭلاردا كۆرسىتىلگەن باسقۇچلار بويىچە سىلەرگە خەۋەر يوللاپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدىم، ئىمكان بولسا تېخىمۇ تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىشكە ۋاقتىڭلار يېتەرمۇ؟ بەلكىم ماڭا ئوخشاش ئىختىيارىي مۇخبىرلارمۇ بولۇشى مۇمكىن.....
2009-8-5 14:51:41

http://u.xjts.cn/contributor.php
بۇ بەتكە كىرىپ ، ئاۋۋال سەھىپە تاللاش بويىچە ‹‹维语频道›› نى تاللاڭ . ئاندىن ئەۋەتمەكچى بولغان خەۋىرىڭىزنىڭ تېمىسىنى يېزىڭ . ئاندىن ئىسىم–فامىلىڭىز ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىزنى يېزىڭ . ماقالە يېزىش رايونىغا خەۋەرنى بىۋاستە يازماي ، خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى يېزىڭ . ئاستىدىكى قوشۇمچە ھۆججەت ئەۋەتىش رايونىدىكى ‹‹浏览›› دېگەن خەتنى چېكىپ ، ئەۋەتمەكچى بولغان خەۋىرىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى كىرگۈزۈڭ . ئاخىرىدا ‹‹提交›› كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا خەۋەر يوللىنىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئەۋەتمەكچى بولغان خەۋەرنى ئالدى بىلەن word قا يېزىپ تەييارلىۋېلىڭ .
No - 3 [ ئۆركەش ]
ياخشىمۇ سىلەر مۇھەرىرلەر .  بۇيىلقى مەمۇرى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئېلىنمىدى ،شۇڭا مۇشۇ ئىمتاھان ئېلىش ۋاقتىنى بىلگىلى بۇلامۇ ؟  ۋاقىتنى بىلەلمەي بەكمۇ جىددىيلىشىپ كىتىپ بارىمەن ،  ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
2009-8-4 17:51:47

بۇ مەسىلە ھەققىدە تورداشلاردىن بىزدىن كۆپ سورىدى . بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر تېخى ئېلان قىلىنمىدى . ئەگەر ئۇچۇر بولسىلا بىز تورداشلارغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىمىز . شۇنداقلا ئىمتىھان توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىزنىڭ <<قىزىق نۇقتا>> سەھىپىمىزدىن ياكى <<پەن-مائارىپ>>ئۇچۇرلىرىدىن كۆرسەڭلار بولىدۇ .  
No - 4 [ كەچۈرمۈش ]
ياخىشىمۇ سىلەر ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ تورى مۇنبەرىدىكى جاپاكەشلەر.....!!! سىلەرنىىڭ بىزگە مۇھىم خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت.........
مەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئىجارە تۆلەيدىغان ئۆيگە تىزىملاتقان ئېدىم، بىلمىدىم ھېچ بىر گېزىت -ژورناللاردا بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى كۆرمىدىم، سىلەر مۇشۇ توغورلۇق بىرەر خەۋەر توپلاپ بېرەرسىلەرمۇ.....
2009-8-4 14:57:19

ياخشىمۇ سىز ، كاپالەت خارەكتىرلىك ئۆيلەر توغرىسىدىكى خەۋەرنى بۇ ئادىرىسقا يوللاپ قويدۇق ، بۇ ئادىرىستىن كۆرەلمىسىڭىز ، قىزىق نۇقتا سەھىپىمىزدىكى مۇشۇ تېمىدىكى خەۋەرنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ .

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/10/content_226743.htm
No - 5 [ رەنا ]
مەخسۇس كۇرۇسقا قۇبۇل قىلىشنى قاچان باشلايدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلار  بوپتىكەن
2009-8-4 13:30:54

بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىزنىڭ پەن- مائارىپ خەۋەرلىرىمىزدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ .
No - 6 [ ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ ]
ھۆرمەتلىك مۇھەررىرلەر،ياخشىمۇ سىلەر!
سىلەرنىڭ بۇ تور بەتنى تېخىمۇ رەڭدار ھەم جەلپ قىلارلىق چىقارغانلىقىڭلاردىن ھەممىمىز شۈنچىلىك خۇشال.ھەر كۈنى بىزنى ئەڭ يېڭى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانلىقىڭلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.بىر نەچچە پارچە تەرجىمە ھېكايەمنى ئېلان قىلىپ ماڭا ئىلھام بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!
تەكلىپىم:مائارىپ ساھەسى ھەر بىر كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم ساھە. مائارىپ ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت،ئۇقتۇرۇش،ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆپرەك ئېلان قىلساڭلار بولاتتى.
يەكەندىن:ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ
2009-8-3 23:16:51

ياخشىمۇ سىز تورداش !
تورداشلارنى كۈندۈلۈك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش بىزنىڭ مەسئولىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز . بىز داۋاملىق ھەر كۈنكى خەۋەرلەرنى يېڭىلاشتىن سىرت يەنە باشقا سەھىپىلەرنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ ئىشلەشكە تىرىشىمىز . تورداشلارنىڭمۇ بىزنى ھەر خىل ساھە ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ۋە بىزنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
No - 7 [ ئارمانجان ]
ئەسسالام ~! تەڭرىتاغ تورىنىڭ جاپاكەش باغۋەنلىرى~!
ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ تىنىڭلارغا سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن~!
ھازىر رۈيشىڭ تورى نورمال ئېچىلىدىغان بولۇپتۇ. بىراق رۈشىڭ دىتالى ۋە باشقا قوراللارنى چۈشۈرۈشمۇ مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ، كومپيۇتېردا ئەسلىدە بار بولغان رۈيشىڭ دىتالىنىڭ دەرىجىسىنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولمايدىكەن.
شۇنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەنكى مۈمكىن بولسا سىلەرنىڭ رۈيشىڭ شېركىتى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولساڭلار. تور توختىغاندىن بۇيان رۈيشىڭ دىتالىنى يېڭىلاش ياكى چۈشۈرۈش مۈمكىن بولمىغاچقا كومپىيۇتېرىم پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ سېستىمىنى كۈندە دىگۈدەك قايتا قاچىلاشقا مەجبۇر بولىۋاتىمەن(مىنىڭچە باشقا كومپىيۇتېرلارمۇ شۇنداق بولغاندۇ).   بۈگۈن قارىسام رۈشىڭ تورى ئېچىلىپتۇ شۇڭا بۇ ئۈمۈتتە ئۇشبۇ ئىلتىماسنى يازدىم.  
2009-8-3 17:26:14

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ، بىز رۈيشىڭ شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق . مۇشۇ يېقىندا ئۇلار بىزنى ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دىتالى بىلەن تەمىن ئەتمەكچى . تورداشلارنىڭ تور بېتىمىزگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى ۋە بىزنى ياخشى تەكلىپ- پىكىر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
No - 8 [ باغۋەن ]
    مەن يېقىندىن بىرى تەڭرىتاغ تور بېكىتىنىڭ ھەممە سەھىپىلىرىنى كۆرۈپ تۇردۇم . جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارغا كۆپ رەخمەت.
2009-8-2 21:17:13

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت .
No - 9 [ ئۆركەش ]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم . بۇ يىل مەمۇرقۇبۇل قىلىش ئىمتاھانى 5-ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبىدىن توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان ، مۇمكىن بولسا ئىمتاھان ئالىدىغان كونكىرىت  ۋاقىتنى بىلگىلى بۇلارمۇ ؟
2009-8-2 3:41:38

بۇ سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا بۈگۈن ئىگە بولدۇق . سىز قىزىق نۇقتا سەھىپىمىزدىكى <<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى>>دېگەن خەۋەرگە نەزەر سېلىڭ . جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز .
تور ئادىرىسى : http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/05/content_225663.htm
No - 10 [ تاھىرجان ئاتاۋۇللا ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەھرىرلەر،مەن تەڭرىتاغ تورىنى بىرنەچچە يىل بولدى ئۇدا ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كىلۋاتىمەن.سىلەرنىڭ مول مەزمۇنلۇق رەڭگا رەڭ ھەر خىل سەھىپەڭلار مىنى ئۆزىگە رام قىلۋالغان.5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن تور بەتلىرنىڭ تاقىلىشى تۈپەيلىدىن ،ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى(مەسلەن: رۇيشىڭ)قاتارلىقلارنى دەرجىسىنى يۇقرى كۆتىرەلمەي كىلۋاتىمىز(شېڭجى قىلالمايۋاتىمىز)مۇمكىن بولسا ،ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دىتالىنىڭدەرجىسىنى يۇقرى كۆتىرىشكە ياردەم قىلغان بولساڭلار بوپتىكەن.
2009-8-1 22:54:16

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن بىز باش بېتىمىزدا ۋىروسخور چۈشۈرۈش سۇپىسىنى تەسىس قىلدۇق . بۇنىڭغا كىرىپ ۋىروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ .
No - 11 [ ئەسىرە تۇرغۇن ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەرقايسى مۇھەررىر ئاكا-ھەدىلەر!
مەن ئوقۇش سەۋەبىدىن قارلەيلىسى پىروگىراممىسىنى تۇلۇق كۆرەلمىگەن، بولۇپمۇ يېڭى ئۆزگەرتىلگەن " قامەت سەھنىسى" پىروگىراممىسىنى شۇنداق. بۇگۈن بۇ توربەتتىن كۆرۈپ بەك خوش بولغان ئىدىم، ئەپسۇس سانلىرى تۇلۇق چىقىرىلماپتۇ، بولسا 109-ساندىن 113-سانغىچە تۇلۇق چىقىرىپ بەرگەن بولساڭلار سىلەردىن كۆپ خۇرسەن بولغان بولاتتىم!!!!!!
2009-8-1 13:40:20

ياخشىمۇ سىز سىڭلىم !
تەلىپىڭىزگە ئاساسەن بىز تارقىتىش سېستىمىمىزنى تەكشۈرۈپ باقتۇق، سىز دېگەندەك دەل شۇ سانلار قوبۇل قىلىنىش تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبلىك تورىمىزغا بېرىلمەپتۇ . ھازىر بۇلارنى تولۇقلاشقا بىزمۇ ئامالسىز . سىزنىڭ تور بېتىمىزنى كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزغا ۋە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . بۇندىن كېيىن بۇ پروگراممىنىڭ بارلىق سانلىرىنى تولۇق بېرىشكە تىرىشىمىز ۋە كاپالەت بېرىمىز .
No - 12 [ پۇتبولچى ]
تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇھەررىر تاغا -ھەدىلەر ، ۋە باشقا تەڭرىتاغ تورىنى باشقۇرۇپ كىلۋاتقان دوسلار ياخشىمۇسىلەر ؟
مەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ مەزمۇنلىرىنى يىقىندىن بۇيان خىلى ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كىلۋاتىمەن ،خەۋەر ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ تۇرۋاتىمەن ، مۇشۇنداق نادىر خەۋەر مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەڭ تورداشلارنىڭ جەمىئەتنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەر قىلۋاتقىنىڭلارغا تەشەككۈرۈمنى بۈلدۈرمەن ..........!
ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەم سىلەرگە ئازراق تەلىپىم بارئىدى : مەن بىر تەنتەربىيە ھەۋەسكارى ئىدىم لىكىن كۆرەي دىسەم پەقەتلا تەنتەربىيە خەۋەرلىرى يوق !
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەنزۇچە نەشرىدە بۇ تۈرلەر بار لىكىن ئۇيغۇرچىسدە يوق ،
تەلىپىم : سىلەرمۇ ئويلۇشۇپ باققان بولساڭلار تەنتەربىيە سەھىپىسى تەسسىس قىلىپ ماڭا ئوخشاش كەڭ تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى ئازراق بولسىمۇ قاندۇرۇپ قويغان بولساڭلار ،سىلەردىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتۇق !
2009-8-1 0:39:05

ياخشىمۇ سىز تورداش !
بىزنىڭ خەۋەرلەر تۈرىمىزدە ئەسلىدىلا تەنتەربىيە خەۋىرى بار ئىدى . بىراق بۇنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇشقا ۋە رەڭدار قىلىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالدۇق . تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىز بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز . تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ شۇنداقلا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بىزنى يېقىندىن قوللىشىنى ۋە ياردەمدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
No - 13 [ تەمكىن ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تەڭرىتاغ تور بىكىتى مۇھەررىرلىرى : تور بەتلەرنىڭ تاقىلىش سەۋەبىدىن دۇنيادىكى پوتبول خەۋەرلىرىدىن خەۋەرسىز قىلىۋاتىمىز،مۇمكىن بۇلسا شۇ تۇغرىسىدىكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلەردىن يوللاپ تۇرساڭلار.
2009-7-30 20:54:21

بۇ تەلىپىڭىزنى ئورۇنلاشقا تىرىشىمىز . پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
No - 14 [ سەكپارە ]
بۇ تور بىكەتنىڭ تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى سەھىپىسىگە ئەسەر يوللاي دىگەنتىم . لىكىن مەشغۇلاتى بۇرۇنقى مۇنبەرلەرگە ئەسەر يوللاش تەرتىپىگە ئوخشىمايدىكەن.قانداق يوللاشنى بىلەلمەي قالدىم ...
2009-7-30 18:55:14

باش بېتىمىزدىكى <<بېكەت ئۇقتۇرۇشى>> ئىچىدە ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەتنى ئوقۇسىڭىز يوللاش ئۇسۇلى يېزىلغان . شۇ بويىچە ئەسەر ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ . ئەسەر ئەۋەتىپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
No - 15 [ نەرگىز ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
                         "تەڭرىتاغ" تور بېكىتىگە مېھنەتلىك ئەجرىنى سىڭدۈرۈپ كەڭ كۆرۈرمەنلەر دوستلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان ، مۇھەررىر ، تەھرىرلىرىمىز :، ياىشىمۇسىلەر
، "تەڭرىتاغ تور بېكىتىنى " گە مېنىڭ بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۆز يۈگۈرتىشىم ، ئەلۋەتتە ، ئادەتتە كۆپلىگەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا سىلەردىكى "قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار مۇنبىرى" سەھىپىسى ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغان ئىدى ، بۇمۇ دەل مېنى ئۆزىگە جەلب قىلغان بىر سەھىپە ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى تەرجىمانلىق خىزمىتىدە نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلار ، يەر جاي ناملىرى ، سۆزلۈكلەر بېشىمنى قاتۇراتتى ،  ئەگەردە مۇمكىن بولسا داۋاملىق تۈردە بۇ سەھىپىگە نىسبەتەن ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بولساڭلار ، يېڭىلىقلارنى كۆپلەپ ياراتقان بولساڭلار .
                                                                  رەھمەت سىلەرگە
2009-7-29 18:56:54

سىزنىڭ تور بېتىمىزگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . بىز داۋاملىق خەلققە پايدىلىق سەھىپىلەرنى ئېچىپ ، تورداشلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىمىز .