No - 1 [ نۇرئېلى ]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىنىڭ جاپاكەش  باغۋەنلىرى
شۇنى خىجىلچىلىق ئىچىدە سوراشقا مەجبۇر بولدۇم.. بۇ يىل ئېلىندىغان دۆلەتلىك ئەدىليە ئىمتىھانىغا نەق مەيداندىن تىزىملاش ۋاقىتلىق توختىتىلدىمۇ؟ مەن تەڭرىتاغ تورىدىن بۇ توغىرسىدىكى ھىچقانداق بىر مەزمۇننى تاپالمىدىم،مۇمكىن بولسا  تەڭرىتاغ تورى ئارقىلىق مۇشۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا نەق مەيداندىن تىزىملاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە بىلدۈرەلەرسىلەرمۇ؟
يەنە بىرسى ھەرخىل ئىمتىھانلار ۋە تىل ئۆگىنىش سالونى  دىگەندەك سەھىپىلەرنى تەڭرىتاغ تورىدا تەسسىس قىلىش كىرەكمۇ قانداق؟ ئازغىنە ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئويلىشىپ كۆرگەيسىلەر

  ئاخىردا رايۇنىمىز  ئېنتىرنىت تور ئىشلىرىنىڭ  يۈكسىلشىگە ئۈن تىنسىز  تۆھپە قۇشىۋاتقان تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارلىق جاپاكەش باغۋەنلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

2009-7-29 17:02:29

ياخشىمۇ سىز تورداش!
سىز ئېيتقاندەك ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا بىز سەھىپە ئېچىشنى ئويلاشقان . بىراق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەقەت بىر قىسىم ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنىلا بېرەلىدۇق . بۇندىن كېيىن بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، تورداشلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز .
No - 2 [ مەيمۇنە ]
ياخشىمۇسىلەر  سۆز قالدۇرۇش بىتىدىكى خەتلەر بەك كىچىك بۇلۇپ قاپتۇ ،ئوقۇيالمىدىم .مومكىن بولسا خەتلەرنى چوڭراق قىلساڭلار ؟
2009-7-29 14:46:09

تەكلىپ- پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . يېقىندا بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى .
No - 3 [ ئايجئامئال ]
سىلەرنڭ بىزگە ئاپتۇنۇم رايونىمىزنڭ مۇھىم خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغانلىقڭلارغا رەھمەت !
2009-7-29 12:31:27

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت . تورىمىزغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ۋە تەكلىپ–پىكىر بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
No - 4 [ زۆھرە ]
ئەسسالامۇئەلەيكۈم!
مىنىڭ بۇ تورغا  بۈگۈن تۇنجى كىرىشىم ،تۇنجى كىرىپلا ئىنتايىن ياقتۇرۇدۇم .... ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپرەك كۆرسەم دىگەن ئۇمۇتتىمەن .
2009-7-27 15:38:21

رەھمەت . تور بېتىمىزنى داۋاملىق كۆرۈپ ، تەكلىپ - پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .
No - 5 [ تۇرسۇنجان ]
ئەسسالام " تەڭرىتاغ" تورىدىكى مۇھەررىر دوستلار، بۈگۈن تورىڭلارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ سۈيۈندۈم. سىلەرنىڭ زور تىرىشچانلىقىڭلار بىلەن بۇ تور ئېچىلىپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مۇھىم خەۋەرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولغانلىقىم ئۈچۈن سىلەرگە چىن دىلىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن خوتەن ۋىلايەتلىك " يېڭى قاشتېشى" ژۇرنىلىدا ئىشلەيمەن. ئىلگىرى ھەر سان ژۇرنال نەشىىر قىلىنىش ئالدىدا ژۇرنالنىڭ مۇندەرىجىسى "سۇمرۇغ"، " بەرقىي" قاتارلىق ئەدەبىي تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىپ كەلگەن. ئۇ چاغدا " تەڭرىتاغ" تورىغا قانداق تىما-خەۋەر يوللاشنىڭ يولىنى بىلمەيتتىم. ھازىر سىلەر خەۋەر ماقالە يوللاشنىڭ تور ئادرېسىنى ۋە ئۇسۇلىنى يوللاپ قويۇپسىلەر. مۇشۇ ئۇسسۇل بويىچە ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇندەرىجىسىنى يوللاپ بەرسەك مۇۋاپىق بولارمۇ؟
2009-7-23 22:04:48

ياخشىمۇ سىز ، سىزنىڭ تور بېتىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ژورنالنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ . بولسا مۇندەرىجە بىلەن بىرلىكتە شۇ سانلىق ژورنالدىكى ياخشى ئەسەرلەرنىمۇ بىرلىكتە ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . ھەممە ئەسەرنى ئەۋەتمىسىڭىزمۇ تاللاپ بىر قىسىم ياخشى ئەسەرلەرنى ئەۋەتسىڭىز تورداشلارمۇ تور ئارقىلىق ژورنال ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى .
No - 6 [ مۇختەر نۇرمۇھەممەت ]
ھورمەتلىك تەھرىر ياخشىمۇ سىز؟
مەن تەڭرىتاغ تورىدىكى تۇرلۇك مەزمۇنلارنى ناھيىتى ياخشى كورمەن،ھەر كۇنى بىر قانچە رەت تورغا چىقىپ سىلەرنىڭ يىڭى-يىڭى خەۋەر-ئۇچۇرۇڭلارنى كورۇپ تۇرىمەن ھەمدە ئەتراپىمىزدا بولۋاتقان قىمىتى بار ئۇچۇرلارنى سىللەرگە يوللايمەن ، بۇ قىتىم سىللەر «ئىختىيارى مۇخبىرلارغا خەت» ئارقىلىق بىزگە خەۋەر-ماقالا يوللاش ئۇسۇلىنى كورسۇتۇپ بىرىپ،بىزنىڭ خەۋەر-ماقالە يولىشىمىزغا قولايلىق يارتىپ بەردىڭلار ،بىراق بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پەقەت خەۋەر-ماقالە يوللاشقىلا بولامدۇ؟ مەن خىلى كوپ ئىزدىنىپمۇ سۇرەتلىك خەۋەرنى يولىيالمىدىم،،سۇرەتلىك خەۋەرلەرنى قانداق يوللايمىز ؟كورسەتمە بەرسەڭلار
ئاقتۇ ناھيىلىك ئوتلاق پونكىتىدىن  مۇختەر نۇرمۇھەممەت
2009-7-23 16:16:12

ئاستىدىكى قوشۇمچە ھۆججەت ئەۋەتىش رايونىدىكى ‹‹浏览›› دېگەن خەتنى چېكىپ ، ئەۋەتمەكچى بولغان سۈرىتىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى كىرگۈزۈڭ . ئاندىن ‹‹提交›› كونۇپكىسىنى باسسىڭىز يوللىنىدۇ .
No - 7 [ ئابدۇرېھىم قادىر ]
مەن تەڭرىتاغ تورىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن بولغاچقا ھەر كۈنى خەۋەر ماقالىلەرنى تولۇق ئوقۇيمەن ۋە ئەتراپىمىزدىكى ياخشى ئىشلارنى يوللاپ تۇرىمەن ،لېكىن خەت ساندۇقلىرىمىز تاقالاندىن كېيىن خەۋەر يوللىيالمىدىم ،شۇڭا ماڭا ياردەم بېرىشىڭىزلارنى ئۆتۈنىپ سورايمەن
  مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇرېھىم قاسىر ،تېلىفون نومۇرۇم 15999300513
2009-7-22 10:31:55

<<بېكەت ئۇقتۇرۇشى>> ئىچىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەت دېگەن خەۋەرنى ئوقۇسىڭىز خەۋەر يوللاشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلەلەيسىز . بىزگە داۋاملىق خەۋەر يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
No - 8 [ ئىىخلاسمەن ]
تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا سۆيۈندىم . ئەدەبىي ئەسەر يوللاپ تۇرسام بولامدۇ ؟
2009-7-21 20:15:01

ئەلۋەتتە بولىدۇ ، << بېكەت ئۇقتۇرۇشى>> ئىچىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەتنى ئوقۇسىڭىز خەۋەر يوللاش ئادىرىسى بار . ئەسەرلىرىڭىزنى شۇ ئارقىلىق يوللىسىڭىز بولىدۇ .
No - 9 [ ھەۋەسكار ]
مەن بىر ئاخبارات ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانچە - مۇنچە ئاخبارات خەۋەرلەرنى يىزىپ قويىمەن ، لېكىن گېزىت - ژورناللارغا ئەۋەتىپ باقمىدىم ، يېقىندىن بۇيان سىلەرنىڭ توردا نۇرغۇن ئىختىيارى مۇخبىرلارنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم . ئەگەر سىلەرنىڭ توردا ئىختىيارى مۇخبىرلارنىڭ خەۋىرى ئېلان قىلىنسا تېگىشلىك قەلەم ھەققى بېرىلەمدۇ ؟
2009-7-21 13:35:57

قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ
No - 10 [ قەھرىمان روزى (قەھرىمان روزى ئەرچىن) ]
مەن قايتا- قايتا مەشغۇقلات قىلىپمۇ ماقالە ئىۋەرتەلمىدىم. ماقالەم يوللانمىدى. قانداق قىلغاندا ماقالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىۋەرتكىلى بولىدۇ؟
  ئىۋەرتىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: باي ناھىيىلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: قەھرىمان روزى ئەرچىن
2009-7-17 19:42:14

http://u.xjts.cn/contributor.php
بۇ بەتكە كىرىپ ، ئاۋۋال سەھىپە تاللاش بويىچە ‹‹维语频道›› نى تاللاڭ . ئاندىن ئەۋەتمەكچى بولغان خەۋىرىڭىزنىڭ تېمىسىنى يېزىڭ . ئاندىن ئىسىم–فامىلىڭىز ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىزنى يېزىڭ . ماقالە يېزىش رايونىغا خەۋەرنى بىۋاستە يازماي ، خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى يېزىڭ . ئاستىدىكى قوشۇمچە ھۆججەت ئەۋەتىش رايونىدىكى ‹‹浏览›› دېگەن خەتنى چېكىپ ، ئەۋەتمەكچى بولغان خەۋىرىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى كىرگۈزۈڭ . ئاخىرىدا ‹‹提交›› كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا خەۋەر يوللىنىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئەۋەتمەكچى بولغان خەۋەرنى ئالدى بىلەن word قا يېزىپ تەييارلىۋېلىڭ .
No - 11 [ كاشىغار ]
ئەسسالام تەڭرىتاغ تور بىكەت باشقۇرغۇچىسى:
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان سىرىتقى تور ئېچىلماسلىق سەۋەپلىك پايچەك بازار كۆرۈش ۋە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا زور قولايسىزلىقلار كىلىپ چىقتى.... مومكىن بولسا www.10jqka.com.cn بىكىتى تۈزۈپ تارقاتقان 同花顺 قۇرالىنىڭ شىنجاڭ رايۇندا ئېچىلشى ۋە ئېلىم-سېتىم قىلغىلى بۇلىدىغان قىلىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پايچىكلىرىغا قولايلىق ياراتقان بولساڭلار......
2009-7-17 18:51:37

ياخشىمۇ سىز !
تورداشلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ- پىكىرىگە ئاساسەن ، پاي چېكى بازىرى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن  ، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتتۇق . كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇشىنى شۇنداقلا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
چۈشۈرۈش ئادىرىسى : http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-07/20/content_220061.htm
No - 12 [ قەھرىمان روزى (قەھرىمان روزى ئەرچىن) ]
بۇ ئادرېستا خەۋەر- ماقالە يوللاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەزا بولۇپ. ئاندىن يوللاش كېرەكمۇ؟ مەن، يوللىسام  ئىجرا بولمىدى. خەۋەر يوللاشتا مەغلۇپ بولدۇم.
2009-7-15 20:52:27

ماقالا ئەۋەتىش مەشىۇلاتىنى بېكەت ئۇقتۇرۇشى كۆزنىكىدىكى "ئىختىيارىي مۇخبىرىلارغا خەت"نى چېكىپ بىلىۋېلىڭ .
No - 13 [ ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ]
ھۆرمەتلىك مۇھەررىر ، نۆۋەتتە تور ئادرېسى ئارقىلىق سىلەرگە خەۋەر ئېۋەتشكە ئامالسىز قىلىۋاتىمىز، خەۋەر يوللاشنىڭ باشقىچە ئۇسۇلى بارمۇ، يول كۆرسەتكەن بولساڭلار
2009-7-15 11:13:59

ياخشىمۇ سىز ، تۆۋەندىكى ئادىرىس ئارقىلىق خەۋەر يوللىسىڭىز بولىدۇ .
http://u.xjts.cn/contributor.php
سىزنىڭ تور بېتىمىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت .
No - 14 [ شەخلا ]
ئەسەر ئەۋەتسەم بۇلامدۇ؟ قانداق ئەۋەتىمەن؟
2009-7-14 14:37:34

تۆۋەندىكى ئادىرىس ئارقىلىق يوللىسىڭىز بولىدۇ .
http://u.xjts.cn/contributor.php
داۋاملىق خەۋەر يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
No - 15 [ ئەنۋەر مەھاممەت ]
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تۇرى ھەقىقەتەن سۈپەتلىك مول مەزمۇنلۇق ئىشلىنىپتۇ.
2009-7-12 20:59:09

رەخمەت ؛ تەكلىپ - پىكىر بېرىڭ