|
| No - 1 [ ئۆمەرجان ئابلا ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭىرتاغ تور بىكىتىدىكى جاپاكەش تاغا ھەدىلەر ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن سىلەردىن 1000 كىلومىتىردىن ئارتۇق بۇ جايدا تۇرۇپ، سىزلەرگە ئوتلۇق سالام يوللاۋاتىمەن، ئالدى بىلەن ئوماق پەرزەنتىڭلارنىڭ باللار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ھەم ئولارنىڭ بەختىنى تىلەيمەن. مەن بىر ئاخبارات ھەۋاسكارى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، بىر نەچچە قېتىم سىزلەرگە خەۋەر ئېۋەتىش ئۈچۈن خېلى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ زادىلا ئېۋەتلمىدىم مۈمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە ساۋات بەرگەن بولساڭلار. سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: ئاقسۇ، باي ناھيىسىدىن ئۆمەرجان ئابلا. 2009-6-1 18:20:00
بىز بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلىڭ
0991–8521981 |
| No - 2 [ شەمشات ] |
![]() سالام ‹‹ تەڭرى تاغ تورى›› دىكى جاپاكەش تەھرىر ، مۇھەررىر ، مۇخبىرلار ياخشىمۇ سىلەر؟.
ئالدى بىلەن سىزلەرنىڭ بىر كۈرۈرمىنىڭلار بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن. شىنجاڭ تورچىلىقىغا نەزەرسالىدىغان بولساق، سىلەرنىڭ تورنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىياتى كىشىنى ناھايىتىمۇ خۇشال قىلدۇ. بۇلۇپمۇ خەۋەر سەھىپەڭلاردا ئىلان قىلىنۋاتقان ئۇچۇرلار تورئەھلىنى جاھاندىكى تۇرىك يېڭلىقلاردىن دەل ۋاختىدا خەۋەردار قىلۋاتسىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەھمەت. 2009-5-27 0:14:37
ياخشىمۇ سىز تورداش !
سىزگە كۆپ رەھمەت ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەر بولسا بېرىپ تۇرۇڭ تورىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ ، سىزلەر ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز . |
| No - 3 [ ئاتىگۇل ياسىن ] |
![]() ياخشىمۇ !سىزلەر مەن سىزلەر
ھورمەتلىك مۇھەرىرى ياخشىمۇ سىز؟،مەن قەشقەر ۋىلايەت يوپۇرغا تاشيول ئىداىسدىن بىر ئاخبارات ھەۋەسكارى بىرقانچە سۇرەتلىك خەۋەرلەرنى ئىبەرتپ كلىۋاتقان ئىدىم .تورغا نىمشقا چىقارمايسىلەر .مەن بەك ئۆمۇتسىزلەندىم . قەشقەر ۋىلايەت يوپۇرغا تاشيول ئىداىسدىن:ئاتىگۇل ياسىن 2009-5-26 18:42:52
ماقالىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق ، قايتا ئاۋاتىڭ
|
| No - 4 [ ئاتىگۇل ياسېن ] |
![]() ياخشىمۇ !سىزلەر مەن سىزلەر
ھورمەتلىك مۇھەرىرى ياخشىمۇ سىز؟،مەن قەشقەر ۋىلايەت يوپۇرغا تاشيول ئىداىسدىن بىر ئاخبارات ھەۋەسكارى ،ئوتكەن يىلى بىرقانچە سۇرەتلىك خەۋەرلەرنى ئىبەرتپ كلىۋاتقان ئىدىم .بۇ يىل يەنە ئىبەرتپ بەرسەم بولامدۇ. قەشقەر ۋىلايەت يوپۇرغا تاشيول ئىداىسدىن 2009-5-25 11:45:50
ياخشىمۇسىز .
ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز |
| No - 5 [ قاسىمجان ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
مەن ئىزچىل تەڭرىتاغ تورىنى زىيارەت قىلىۋاتىمەن. كۈندىن كۇنگە يىڭىلىق بولىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خوشال... ئەمدى يەنە بىر ئىشنى سورىسام بولاتتى... مەنمۇ يېقىندا تور بەت ياساسقا قىزىقىپ قالدىم. شۇڭا خەۋەر دەپ بىر سەھىپە ئېچىپ، تەڭرىتاغ تورىدىكى خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ مەنبەسى ۋاقتى سائىتىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىپ تۇرسام، دىمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇر تورداشلار ئۈچۈن بىر ھەسسە قوشسام دىمەكچى. بۇنداق قىلساق نەشىر ھوقۇقىنى كۆچۈرگەن بولامدۇ ياكى تەشۋىق قىلغان بولامدۇ ھېچ بىلەلمىدىم. قارىسام ھازىر نۇرغۇن تور بەتلەردە كۈندە يىڭى خەۋەر باركەن، قارىسام مەنبەسى تەڭرىتغ تورى ۋە باشقىلار... دەپ تۇرىدۇ شۇڭا بۇ ھەقتە جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن... 2009-5-22 23:16:01
ياخشىمۇ سىز .
تورىمىزغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت ! بىر بىرىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلانساق ھەممىمىزگە ياخشى . |
| No - 6 [ ئەخمەتجان سېلىم ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر ئەپەندى، مەن ھازىر ھەر كۈنى تەڭرىتاغ تورىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقمىسام تۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنداق بولۇشىدا تەڭرىتاغ تورىدا يېڭى سىياسەت ئۇچۇرلىرى بەك كۆپكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە يەتكۈزىدىغان بىلىم دائىرىسىمۇ بەك كەڭ ئىكەن. شۇڭا بۇ تورنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. سىلەرنىڭ < تەڭرىتاغ كىتابخانىسى> غا بىر نەچچە ژۇرنالنىڭ مۇقاۋا نۇسخىسى چىقىرىلىپتۇ. بۇ بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. ئەگەر مۇمكىن بولغاندا مۇشۇشۇنداق بولسا ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كىرىدىغان نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىمۇ بۇ تورغا باشلاپ كىرگىلى بولاتتى. شۇنداقلا ژۇرناللارنىڭ ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقاتىغىمۇ شارائىت ھازىرلانغان بولاتتى.
بۇ پىكىرىمنى ئويلىشىپ باقساڭلار. 2009-5-19 17:37:04
تورىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
مۇشۇنداق ياخشى پىكىر –تەكلىپلىرىڭىز بولسا يوللاپ تۇرۇڭ . رەھمەت ، سىزگە ساغلاملىق يار بولسۇن ! |
| No - 7 [ ئاتىگۇل ياسىن ] |
![]() ياخشىمۇ !سىزلەر مەن سىزلەر
ھورمەتلىك مۇھەرىرى ياخشىمۇ سىز؟،مەن قەشقەر ۋىلايەت يوپۇرغا تاشيول ئىداىسدىن بىر ئاخبارات ھەۋەسكارى ،ئوتكەن يىلى بىرقانچە سۇرەتلىك خەۋەرلەرنى ئىبەرتپ كلىۋاتقان ئىدىم .بۇ يىل يەنە ئىبەرتپ بەرسەم بولامدۇ. قەشقەر ۋىلايەت يوپۇرغا تاشيول ئىداىسدىن: 2009-4-29 13:14:51
ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
رەخمەت سىزگە |
| No - 8 [ تىڭرئقاش ] |
![]() مەن بىر ئا لى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى . مىنڭچە بولغاندا بىزگە ىوخشاش ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئادەم ئشلەتكۇچى ئۇرۇنلارنى ئۆز-ئارا ئالاقىلشا لايدغان كۇزنەكتىن بىرنى ئاچقان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى
2009-4-23 23:55:46
تەكلىپىڭىزگە رەخمەت ؛ سىز دېگەن سەھىپىنى بۇ يىل ئاچىمىز .
|
| No - 9 [ muhtar nurmamat ] |
![]() ھورمەتلىك مۇھەرىرى ياخشىمۇ سىز؟مەن بىر ئاخبارات ھەۋەسكارى ،ئوتكەن يىلدىن بىرى سىلەرگە كوپلەپ ئاخبارات خەۋەرلىرى ،سۇرەتلىك خەۋەرلەر ۋە بەددىي سۇرەتلەرنى ئەۋەتىپ كىلىۋاتمەن،بىراق كوپلىگەن ئەسەرلىرىم شاللىنىپ كىتىۋاتىدۇ،شۇڭا سىللەرنىڭ خەۋەر ماقاللەر ،بەدىي سۇرەت،سۇرەتلىك خەۋەرلەرگە قويدىغان كونكىرىتنى تەلىۋىڭلارنى بىلىشكە بولارمۇ؟جاۋابىڭىزنى كۇتمەن
ئاقتۇ ناھيىلىك ئوتلاق پۇنكىتىدىن 2009-4-17 16:06:44
ياخشىمۇ سىز مۇختەر ئەپەندى .
2008 –يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغا قەدەر سىزدىن ئەسەر تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق . يوللاش ئۇسۇلىڭىزدا خاتالىق بولۇشى مۈمكىن . ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز |
| No - 10 [ نامەلۇم ] |
![]() ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق خىزمەتچى ئاكا-ھەدىلەر ياخشىمۇسىلەر! تەڭرىتاغ تورى تەڭرىتاغ ئىكرانى سەھىپىسى ئېچىلغاندىن بۇيان كۆپلىگەن تېلۋىزۇر نۇمۇرلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ كەلدى. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن، مېنىڭ شۇنداقلا كۆپلىگەن سىتۇدېنتلارنىڭ ئۈمۈدى بولسا شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 5-،9-يۈرۈش قاناللىرىنى ۋە ئۈرۈمچى تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلىنى ئۇلاپ بەرسەڭلار. بىر ھېيت بايراملار ئارام كۈنلىرى ۋە باشقا كۈنلەردە شارائت چەكلىك بولغاچقا تېلۋىزىيە پىروگگىراممىلىرىنى ۋاقتىدا كۆرەلمەيدىكەنمىز. شۇڭا ئاكا ھەدىلەرنىڭ بىزنىڭ بۇ تەلىۋىمىزنى قاندۇرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز !
2009-4-9 0:59:07
ياخشىمۇ سىز ھۆرمەتلىك تورداش .
سىز ئېيتقاندەك بۇ مەزمۇندىكى تەكلىپلەر بىزگە كۆپلەپ كەلدى ، نۆۋەتتە ، بىزمۇ مۇشۇ خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز . تورىمىزغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . |
| No - 11 [ مۇساجان تۇردى ] |
![]() ئەسسىلامۇئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك مۇھەرىر ياخشىمۇ سىز؟نۇرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!بۇگۈن توردىن <<بىزنىڭ فۇتۇگىرافچىلىرىمىز>>سەھىپىسى تەسەس قىلغىنىڭىلارنى كۈرۈپ بەك ىۇرسەن بولدۇم.مەن بىر ئىشتىن سىرتقى ئاخباراتچى بۇلۇش بىلەن بىرگە فۇتوگىراف ھەۋەسكارى.مىنىڭ ئاپىرات تۇتقۇنىمغا 5-6يىللاردەك بۇلۇپ قالدى.ئاپىتراتنىڭ ئاساسى بىلىملىرىنى ئاز تولا بىلىمەن.بۇ نۆۋەت تەسىس قىلغان سەھىپەڭلاردا فوتۇ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنامدۇ؟ياكى باشقا مەزمۇنلار بېرىلەمدۇ؟بۇھەقتە ئېغىر كۆرمەي چۈشەنچە بەرگەن بوپتىكەن.
تىنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىڭىزغا كۆپتىن كۆپ نۇسرەت تىلەپ: قاراشەھەر ناھىيىلىك س س م ب ئىدارىسىدىن :مۇساجان تۇردىدىن. 2009-3-22 10:43:15
ياخشىمۇ سىز تورداش .
ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز . بىزنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت . |
| No - 12 [ مۇساجان تۇردى ] |
![]() ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك مۇھەرىر! ياخشىمۇ سىز؟
ھازىر تەڭرىتاغ تورى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ.يەنى بىر تەكلىۋىم:<<شىنجاڭ گېزىتى>>نىڭ ئەدىبىيات بېتىدىكى ئەسەرلەرنى بىرىش بىلەن بىرگە توردىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قۇبۇل قىلىپ ياخشى چىققانلىرىنى بەرگەب بولساڭلار تەڭرىتاغ ئەدەبىياتىنىڭ رەڭدارلىغى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى.مەسلەن ئالدىمىزدا نۇرۇز كېلىۋاتىدۇ.نۇرۇزغا بېغىشلانغان شېئىر نەسىرلەرنى بەرسەڭلار ياخشى بولاتتى.تەڭرىتاغ تورىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى تىلەيمەن... 2009-3-19 14:16:43
ياخشىمۇ سىز تورداش .
تورىمىز ئەدەبىي ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ . ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز . رەخمەت سىزگە . |
| No - 13 [ قەھرىمان روزى ] |
![]() تەڭرىتاغ تورى ئەدەبىي ئەسەر ۋە باشقا ئۇنۋېرسال ژانېردىكى ماقالىلارنى پەقەت<<شىنجاڭ گېزىتى>>قاتارلىق مەتبۇئاتلاردىنلار ئالامدۇ، ياكى ئاپتورلار بىۋاستە ئىۋەرتكەننىمۇ ئىشلىتەمدۇ؟
2009-3-15 14:17:35
ياخشىمۇ سىز . بىز تورىمىزدا بار بولغان سەھىپە – مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىگە سىرتتىن ئەسەر قوبۇل قىلىمىز .
ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز . |
| No - 14 [ قەھرىمان روزى ] |
![]() مۇمكىن بولغاندا، كۆپرەك خەۋەر- ماقالە ئىۋەرتىدىغانلارغا بەزى خەۋەر- ماقالىلىرىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكىدىكى سەۋەپ ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى <<سۆز قالدۇرۇش>>كۆزنىكىدە قالدۇرۇپ قويۇشقا بولارمۇ؟
2009-3-13 12:42:25
ياخشىمۇسىز، ئىزچىل تۈردە تەكلىپ-پىكىر بېرىۋاتقانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت. بۇندىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا، بىز يەنىمۇ تىرىشىپ، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز ، خىزمەت جەريانىدا سىزنىڭ يەنە داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
|
| No - 15 [ ـتاھىرجان ] |
![]() مەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئوقۇرمىنى، يىقىندا خەۋەر يىزىپ، ئىزىز يۇرتۇمنىڭ ئالامشۇمۇل ئۆزگىرىشىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بۇلدۈرۈش ئۈچۈن، خەۋەر يازغان ئىدىم، لىكىن، توردىن يوللىيالمىدىم.قانداق قىلغاندا تەڭرىتاغ تورىغا خەۋەر يوللىغىلى بولىدۇ؟
2009-3-11 23:50:09
ياخشىمۇسىز:
تورىمىزنىڭ ئېلخەت ئادرىسى (uyghur@xjts.cn ) ، سىز يازغان خەۋەر ياكى باشقا ژانېردىكى ئەسەرلىرىڭىزنى بىۋاستە بىزنىڭ يۇقىرىقى خەت ساندۇقىمىزغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، بىزنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. |