|
| No - 1 [ غۇجامنىياز تۇنياز ] |
![]() پرۇگىراممىلارنى كومپيوتېرغا چۈشۈرۋېلىپ كۆرۈش مۈمكىنچىلىكى بولارمۇ؟
2009-3-11 19:13:40
ياخشىمۇ سىز تورداش ، بىز تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى سەھىپىسىنىڭ ئاستىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ قويغان ، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ ھوقۇقى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مەنسۇپ ، شۇڭا تەڭرىتاغ تورىدىنلا كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
|
| No - 2 [ غۇجامنىياز تۇنياز ] |
![]() پرۇگىرامماڭلارنى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە يول قويۇلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بەك ياخشى بولاتتى
2009-3-9 20:09:05
ياخشىمۇ سىز تورداش ، بىز تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى سەھىپىسىنىڭ ئاستىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ قويغان ، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ ھوقۇقى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مەنسۇپ ، شۇڭا تەڭرىتاغ تورىدىنلا كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
|
| No - 3 [ غۇجامنىياز تۇنياز ] |
![]() مەن بىر مائارىپ خادىمى. مېنىڭ پەرزەنتىم (6ياش) سىلەرنىڭ <<بىللە ئۆگىنەيلى>>، <<ئادەم ۋە تەبىئەت>> پىروگرامماڭلارنى ئىنتايىن قىزىقىپ كۆرىدۇ. بىزمۇ شۇنداق. لېكىن يۇقارقى پىروگراممىلارنىڭ مۇقىم ۋاقتى بولغاچقا باشقا ۋاقتلاردا كۆرۈشكە ئامالسىز قالدى. توردىن چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئېچىۋېتىشكە بولارمۇ؟ بۇنداق بولغاندا.... قالغىنى چۈشىنىشلىك. جاۋاب بەرگەن بولساڭلار. (ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. تولىمۇ خىجىلمەن)
2009-3-9 20:01:44
ياخشىمۇ سىز تورداش ، سىز دېگەن بۇ ئىككى پروگرامما تورىمىزدا ساقلاغلىق ، قاچانلا بولسا كۆرگىلى بولىدۇ .
|
| No - 4 [ قەھرىمان روزى (قەھرىمان روزى ئەرچىن) ] |
![]() ماقالە- ئەسەر يوللاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتىپ قويساڭلار. يەنە، ئايلىق، پەسىللىك تەشۋىقات پىلانىڭلارنى توردا ئېلان قىلىپ، بىزنى شۇ پىلان بويىچە تەشۋىقات يۆنىلىشىگە يېتەكلىسەڭلەر.
2009-3-2 18:24:18
بۇ تەكلىپىڭىزنى نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىمىز قاتارىغا قويىمىز .
|
| No - 5 [ قەھرىمان روزى (قەھرىمان روزى ئەرچىن) ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇھەررىرلەر، مەن سىلەرنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرىڭلار ۋە بىر كەسپى ئاخبارات خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، سىلەرگە قىزغىن سالام ۋە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ! تەڭرىتاغ تورى سىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىڭلار سەھىپىلىرى بىلەن يىلدىن يىلغا رەڭدارلىشىپ، مەزمۇنى موللىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇچۇر مىقدارى ئەڭ كۆپ، باشلامچى تور پونكىتىغا ئايلاندى. مەن كەسپى مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ تورغا ئۈزۈلدۈرمەي ماقالە ئىۋەرتىپ كېلىۋاتىمەن. بىراق، تەجرىبەم كەمچىل بولغاچقا، يازغان ماقالەم ۋە تارتقان سۈرەتلەر تەلەپتىن يىراق ئەلۋەتتە، شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ، سىلەرگە تېخىمۇ سۈپەتلىك ماقالە ئەسەر يوللاپ بىرىشىمغا ئاسانلىق يارىتىلىش ئۈچۈن، سىلەرنىڭ qq رىڭلارنى قوشۇۋالسام دېگەن ئۈمۈدىم بار. مېنىڭ qq نومۇرۇم: qq 763126417 خالىساڭلار قوشۇۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: باي ناھىيىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: قەھرىمان روزى 2009- 3- 2ئاينىڭ - كۈنى 2009-3-2 16:28:01
سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت. تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭىزنى ۋە ماقالە–ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. تور بېكىتىمىز سىزگە ئوخشاش ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج .
ئالاقىلىشىش qq نومۇرى : 63002780 |
| No - 6 [ مۇساجان تۇردى. ] |
![]() ھۈرمەتلىك مۇھەرىر!ياخشىمۇ سىز؟
مىنىڭ تەڭرىتاغ تورىغا بىرىدىغان مۇنداق بىر تەكلىۋىم بار: باشقا تور بىكەتلىرىگە ئوخشاش تېما يوللاش كۆزنىكى تەسىس قىلىنسا ئېلىكتېرۇنلۇق خەت ساندۇقىدىن يوللىغاندىن ياخشى بولامدىكىن دەپ قارايمەن.بۇلۇدۇ دەپ قارىغىنىڭلارنى تاللاپ ئىشلەتسەڭلار .قېنى ئويلۇشۇپ باقاسىلەر؟ ئىشىڭلارنىڭ تېخىمۇ ئالغا بېسىشىغا تىلەكداشمەن.. 2009-3-1 23:10:35
تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ئامال بار بۇ تەكلىپىڭىزنى ئويلىشىپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز .
|
| No - 7 [ مۇساجان تۇردى ] |
![]() مەن <<تەڭرىتاغ>>تورىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن بۇيان بۇ تور بىكىتىگە بولغان قىزىقىشىم،ئىنتىشىم ئالاھىدە ئاشتى.
چۇنكى بۇ تور بېكىتى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۈكۈمىتى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىۋاستە رەخبەرلىگىدە چىقىدىغان بىردىن بىر نۇپۇزلۇق تور بىكىتى بۇلۇپ باشقا تور بىكەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىك.ئۇندىن باشقا پارتىيە-ھۈكۈمەتنىڭ تۈرلۈك يېڭى سىياسەت بەلگىلىمىلىرى،قانۇن نىزاملار،ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بۇ تور بەتتە ئېلان قىلىنىپ،بىزنى نۆۋەتتىكى يېڭىلىقلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇدۇ.ئۇندىن باشقا نۇرغۇنلىغان ھەر خىل رەڭدار سەھىپىلىرى مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىغى،بىلىم مىقتارىنىڭ كۆپلىگى بىلەن بىزنى ئۆزىگە چەكسىز جەلىپ قىلىدۇ.بۇ تور بېكىتىنىڭ نامى بولسا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ بۇيۇك،ئەڭ چوڭ تاغ بولغان تەڭرى تېغىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇلۇپ،ئىسمى جىسمىغا مۇۋاپىق ھالدا قۇيۇلغان..بۇ تور بېكىتىنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق،ئىلغار تەرەپلىرى بار.مەن مۇشۇنداق ياخشى تورىمىزنىڭ بولغانلىغىدىن ئىپتىخارلىق،سۈيىنىش ھېس قىلىمەن.تەڭرىتاغ تورىنىڭ خۇددى تەڭرىتېغىدەك تور دۇنياسىدا يەنىمۇ قەد كۈتۈرۈپ،گۈللەپ ياشنىشىنى سەممىمى ئۈمۈت قىلىمەن. 2009-2-27 23:03:51
سىزگە كۆپ رەخمەت ، تورىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپەردىن كۆپرەك بېرىپ تۇرارسىز .
|
| No - 8 [ تەڭرىتاغ تورى ] |
![]() ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار !
تور بېتىمىزنىڭ سۆز قالدۇرۇش بېتى بۈگۈندىن ئېتىبارەن رەسمىي ئېچىلدى، ھەرقايسى تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى شۇنداقلا ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. 2009-2-26 13:27:29
|