No - 1 [ مونتاژ ]
شاڭخەي يەرمەنكىسى شىنجاڭ سارىينىڭ توردىكى شىنجاڭ رەقەملىك سارىيىنىڭ تور ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويالامسىز؟
2010-4-27 10:16:09

ياخشىمۇ سىز
    شاڭخەي يەرمەنكىسى توردىكى شىنجاڭ رەقەملىك سارىيىنىڭ تور ئادرېسىنى يەرمەنكە ئېچىلغاندىن كېيىن تەمىنلەپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن .
No - 2 [ پىكىر-تەكلىپ ]
ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ تورىدىكى جاپاكەش باغۋەنلەر ياخشىمۇ سىلەر. ھارمىغايسىزلەر باغۋەنلەر  مەن بىر تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن سىلەرگە ئۇزۇندىن بۇيان خەۋەر ماقالىلەرنى ئەۋەتىپ كېلىۋاتىمەن. لىكىن يوللاشنى بىلمىدىممۇ ھىچ بىللەمىدىم يوللىغان خەۋەرلىرىم ئىلان قىلىلنىمايۋاتىدۇ.بەزى ھاللاردا مۇھىم دەپ قارالغان خەۋەرلەرنى گىزىتتە ئىلان قىلىشتىن بۇرۇن توردا ئىلان قىلىشىنىڭ قىممىتى يۇقىرى دەپ قارايمەن ،شۇڭا توردا ئىلان قىلاي دىگەن شۇڭا مۇمكىن بولسا يوللاش ئۇسۇلىنى تەسلى تونۇشتۇرۇپ قويسا دەيمەن.  
ھەر قانچە تىرىشىپمۇ بىر قېتىمدىلا ئەۋەتسەم غەلبىلىك بولمىدى.  قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ مېنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى سۇئالىمغا تەپسىلى تېزدىن جاۋاپ بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
2010-4-25 19:06:55

ياخشىمۇ سىز
    سىز باش بەتتىكى بېكەت ئۇقتۇرۇشى كۆزنىكىدىكى "ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەت " نى چېكىڭ .
     رەخمەت سىزگە
No - 3 [ قانۇن سەھىپىسى ]
تەڭرىتاغ تورىدا قانۇنغا دائىر بىلىملەر بولسىمۇ مەخسۇس قانۇن سەھىپىسى يوق .شۇڭا مۇشۇ سەھىپىنى تەسىس قىلىش تەكلىپى بېرىمەن .
2010-4-25 13:38:28

تەڭرىتاغ تورى <<قانۇن مۇنبىرى>> سەھىپىمىز 28-ئاپرېلدىن باشلاپ ئېچىلدى . تورداشلارنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە بۇ ھەقتە تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/node_3342.htm
بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كىرسىڭىز بولىدۇ .
No - 4 [ مەمۇرىي خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاختىدا ،تىز سۈرئەتتە ]
بىز نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار،بىز خىزمەت ئۇچۇرلىرىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق،مۇمكىن بولسا بىزگە تېخىمۇ كۆپ بولغان مەمۇرىي خىزمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئەتسە!ئىنتاھانغا ئائىت ئۇچۇرلارنىمۇ كۆپرەك بەرسە.    
                                               رەھمەت!
2010-4-18 11:20:08

ياخشىمۇ سىز .
     سىز دېگەن بۇ مەزمۇنلارنى 6–ئايدىن كېيىن كۆرەلەيسىز .
     تورىمىز بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ .  
No - 5 [ تەكلىپ ]
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تۇرىنىڭ جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرى، مەن تەڭرىتاغ تورىغا كۈندە ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئاز دىگەندىمۇ 2-3 سائەت ئەتراپىدا چىقىمەن. چۈنكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تۇرى ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئىچىدىكى مەزمۇن بىر قەدەر مول بولغان بىكەتلەرنىڭ بىرى. مىنىڭ بىر قانچە تەكلىپىم بار ئىدى
(1) ھازىر جەمىيئەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق ئىشسىرلار بىر قەدەر كۆپ ، بۇنىڭ ئۈچۈن كادىرلار نازارىتىنىڭ تور بىكىتىدىكى بىر قىسىم خىزمەت ئۇچۇرلىرى، ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرى ۋە ئىجدىمائى سۇغۇرتا بىلىملىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر سەھىپە ئېچىلسا؛
(2) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان رايۇن، مەن يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا بىلىملىرىگە بەك قىزىقىمەن، لىكىن بۇ توغرىسىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەر بىلىشىمچە يوق دىيەرلىك. شۇڭا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ، يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى ، پارتىيىنىڭ دېھقانلارغا ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرى،  ۋە ئۇيغۇر تىبابەت دۇرا ئۆسۈملۈكلىرى بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرى سەھىپىسى تەسسس قىلىنسا.
(3) جەمىيئەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ جەمىيئەتتە كومپىيوتىر ئۆگىنىش دولقۇنى كۈتۈرۈلدى. مۇشۇ توغرىسىغا بىر سىەھىپە ئېچىلسا.
(4) سۈرەتلىك خەۋەرلەر. بىلىم-كۈچ، دۇنياغا نەزەر، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىي-مىراسلار سەھىپىسىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلسا.
     بىزدەك دېھقانلاردىن تەكلىپ - پىكىر ئېلىپ بىز ئۈچۈن باش قاتتۇرۇۋاتقان تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تۇرىنىڭ جاپاكەش خىزمەتچىلىرى يۇقارقى تەكلىپىمنى ئويلىشىپ كۆرگەن بولساڭلار .ئاۋارە قىلدىم رەھمەت سىلەرگە
2010-4-13 21:34:20

ياخشىمۇ سىز .
     ناھايىتى ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپسىز ، بىز دەل مۇشۇ مەزمۇنلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز .
     رەھمەت سىزگە .
No - 6 [ ياخشمۇسىلەر ]
بېلەت تاشلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەك ياخشى قېپسلەر،مەن بۇ بېكەتنى ناھايتى ياقتۇرمەن بولسا تېخمۇ ياخشى بولۇپ كەتسكەن دەيمەن ..
يەنە بېرگە پايچكى ۋە لاتارىيگە ئائېت نەرسلەرنى كۆپراك چېقارغان بولساڭلار.
2.بولسا بېكەتنىڭ خەت شەكلنى ۋە ئۇسلۇبنى سەل ئالماشتۇرغلى بولماسمۇ ،بۇ خەت نۇسخسى كۆزگە بىرخېللا كۆرۇنۇپ قالدىكەن...
رەھمەت..
2010-4-13 12:31:06

بىز بۇ بېلەت تاشلاش كۆزنىكى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ تەكلىپ –پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، بەزى خىزمەتلىرىمىزنى شۇ ئاساستا ئېلىپ بارىمىز .
   رەھمەت سىزگە .
No - 7 [ پىسخىكا توغرىسىدا ]
جەمىيىتىمىزدە كىشىلەر نۇرغۇن پىسخىك توسالغۇلارغا ئۇچىراپ تۇرىدۇ ، بەزىدە پىسخىك مەسىلە تۈپەيلىدىن جەمىيەت ئاماللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ بۇلۇپ تۇرىدۇ ،  
بۇ تور ھۈكۈمەت تورى ئەمەسمۇ ، مۇمكىن بۇلسا پىسخىكىدىن مەسلىھەت بىرىدىغان سەھىپە ئاچساڭلار .
2010-4-11 21:30:27

بۇ تەكلىپنى ناھايىتى ياخشى بېرىپسىز ، بۇ تورىمىزدىكى بىر بوشلۇق ، بىز چوقۇم ئويلىشىمىز .
     رەھمەت سىزگە .
No - 8 [ بېيىش يۇلى دىگەن پىروگىراممىنى تاپالمىدىمغۇ؟ ]
مەن ئىلگىرى بۇ توردا "بېيىش يۇلى" دىگەن پىروگىراممىنى كۆرگەن ، لىكىن ھازىر تاپالمىدىمغۇ ؟
مەن بۇ پىروگىراممىغا بەك قىزىقاتتىم ، مۇمكىن بولسا بارلىق سانىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار .
2010-4-11 20:42:51

سىز ئېيتقان بۇ  پروگرامما "تەڭرىتاغ ئېكرانى" سەھىپىسىدە ، ھازىرمۇ بار  
No - 9 [ دۇستانە مەسلەھەت ]
قانۇندىن مەسلەھەت بىرىدىغان مۇنبەردىن  بىرنى ئېچىپ بەرسەڭلار،    
يەنە مۇمكىن بۇلسا شىنجاڭ گزىتىنىىڭ ئۇيغۇرچە سانلىرىنى تۇردىن كۇرەلىگەن بۇلساق بەك ياخشى بۇلاتتى
2010-4-10 14:23:01

قانۇندىن مەسلەھەت بېرىدىغان مۇنبەر 6–ئايدا ئېچىلىدۇ .
     رەھمەت سىزگە .
No - 10 [ دۇنيا ھەربى ئىشلارمۇنبىرى توغرىسىدا ]
دۇنيا،جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربى ئىشلار ئۇچۇرىدىن خەۋەردار قىلىدىغان سەھىپە ئاچقان بولساڭلار.خۇددى خەنزۇچە بىكەتتىكىدەك. يېڭى ياراقلار، دۆلەتلەر كۈچ سېلىشتۇرمىسى، تۈرلۈك توقۇنۇشلار ، ئۇرۇشلار مۇلاھىزىسى......دىگەندەك مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولساق.
2010-4-9 23:47:11

رەھمەت سىزگە .
     ئادەم كۈچى قاتارلىق سەۋەپلەردىن بۇ سەھىپىنى ۋاقتىنچە ئاچالمىدۇق ، يىل ئاخىرىدا ئېچىشقا تىرىشىۋاتىمىز .
    
No - 11 [ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا ]
ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ مەنمۇ بۇ تورنىڭ دائىملىق كۆرۈرمەنى ،مىنڭچە بۇ تورنىڭ قۇرۇلمىسى بەك ياخشى ،تىما دائىرىسى خېلىىلاكەڭ ،مىنىڭچىمۇ قانۇن سەھىپىسى ئېچىلسا تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ .تەكلىپىم :سەھىپە ئىچىدىكى مەزمۇنلار تېخىمۇ كوپەيتىلسە،خەۋەرلەرنىڭ ئەڭ تىز ،ئەڭ يېڭى بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنسا.جاپا چەكتىڭلار ،سىلەرگە كۆپ رەھمەت !
2010-4-9 12:59:07

رەھمەت سىزگە .
    تورىمىزنىڭ قانۇن سەھىپىسى 6–ئايدا ئېچىلىدۇ . تەكلىپ –پىكىر بەرگەيسىز .
No - 12 [ مېنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى سۇئالىمغا ]
ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ تورىدىكى جاپاكەش باغۋەنلەر ياخشىمۇ سىلەر. ھارمىغايسىزلەر باغۋەنلەر  مەن بىر تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن سىلەرگە ئۇزۇندىن بۇيان خەۋەر ماقالىلەرنى ئەۋەتىپ كېلىۋاتىمەن. بەزى ھاللاردا مۇھىم دەپ قارالغان خەۋەرلەرگە ئىككى، ئۈچ پارچە سۆرەتنى قۇشۇپ ئەۋەتىش توغرا كېلىدىكەن. مەن مېنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى سۇئالىمغا ھەر قانچە تىرىشىپمۇ بىر قېتىمدىلا ئىككى، ئۈچ پارچە سۆرەتنى ئەۋەتسەم غەلبىلىك بولمىدى. مەن سىلەرگە بىر ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇ توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان ئىدىم. شۇنداق تەققازالىق بىلەن كۈتتۈم. سىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئالدىراشلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك بۇنىڭ ئۇچۇرى كەلمىدى. قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ مېنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى سۇئالىمغا تەپسىلى تېزدىن جاۋاپ بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
2010-4-9 0:49:20

خەۋەر يوللاشتا ماقالىلارنى ئالدى بىلەن word قا يېزىپ ، ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت ( 附件) شەكلىدە يوللىسىڭىز بولىدۇ . رەسىم يوللىغاندا رەسىم كۆپ بولۇپ كەتسە ، بىۋاستە پىرىزلاپ ( 压缩 ) ئەۋەتسىڭىز ياكى( 上传更多附件) نى بېسىپ ، ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ .

  ئەسكەرتىش : رەسىمنىڭ سىغىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن .
No - 13 [ تەكلىپ پىكىر ]
تەڭرىتاغ تورى تورلار ئىچىدىكى سەرخىلى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، بۇنداق بولۇشى يەنىلا مۇشۇ تورنى باشقۇرۇۋاتقان جاپاكەش كىشىلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدۇ ، مەن مۇشۇ تور ئۈچۈن بارلىق زېھنىي كۈچىنى سەرپ ئېتىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا چوڭقۇر تەشەككۇرىمنى بىلدۈرىمەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەدەنىي مائارىپ ساھەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆپرەك بېرىپ تۇرۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .
                                         ئوقۇتقۇچى تورداشتىن
2010-4-8 13:32:19

رەھمەت سىزگە
     بىز بۇ سەھىپىلەرنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز .
No - 14 [ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تۇرنى ياخشى كۇرىمەن، ]
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ تۇر بەتنىڭ جاپاكەش خىزمەتچىلىرى!
مەن بۇ تۇر بەتنىڭ كۇرۇرمىنى، گەرچە مەن كۇندە كۇرمىسەممۇ ۋاقتىم چىقسىلا بۇ تۇربەتنى كۇرىمەن.بۇتۇر بەت بەكمۇ مۇنتىزىم دەپ قارايمەن،ھەممە سەھىپىلىرىنى ياخشى كۇرىمەن.بۇندىن كىيىن ئەسەرئەۋىتىشنى ئۇيلاۋاتىمەن.
ئەگەر ئىمكان بۇلسا بۇندىن كىيىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مەدىنيەت،ئۇرپ-ئادەتلىرىنى چۇشەندۇردىغان ئەسەرلەرنىمۇ ئىلان قىلىنىشنى ئۇمۇت قىلىمەن.
2010-4-7 23:27:55

ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
    بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدىنيەت ، ئۇرپ–ئادەتلىرىگە ئائىت مەزمۇنلارنى بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز .
No - 15 [ تەنتەربيە خەۋەرلىرى ]
مەن سلەرنىڭ تەڭرىتاغ تورى سەھىپلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ يېڭى ،تېخمۇ مول مەزمونلۇق ،تېىخىمۇ كۆپ بۇلشنى ئۈمۈت قىلىمەن .
2010-4-7 20:06:24

سىزگە كۆپ رەخمەت .
     سالامەت بولغايسىز .