|
| No - 1 [ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ؟ ] |
![]() مەن سىلەردىن بىر نەرسىنى سوراي دېگەندىم ، سىلەر ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا ھەق بىرەمسىلەر ؟
2010-4-7 2:06:04
تەڭرىتاغ تورى ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا قەلەم ھەققى بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتقىلى ئىىككى يىل بولدى .
|
| No - 2 [ ئېلان بېرىش ] |
![]() مەن بۇ تور بېكەتنىڭ ئېلان بېرىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلى بىلمەكچى.(يەنە مېھمانغانا تور بىكەت ئېلانى)
ئەگەر پىكىرىمنى مۇۋاپىق كۆرسەڭلار خەت قالدۇررۇشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن. 2010-4-6 16:30:38
رەھمەت سىزگە .
تورىمىزنىڭ ئېلان بېرىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىڭ . 0990–8521981 |
| No - 3 [ «تەنتەربىيە دۇنياسى» سەھىپىسى ئېچىلسا ] |
![]() جەمىيتىمىزدە تەنتەربىيىگە قىزىقىدىغانلار بەكمۇ كۆپ، شۇڭا تەنتەربىيە دۇنياسى دەپ سەھىپە ئېچىپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىز، مەملىكىىتمىز شۇنداقلا دۇنيا تەنتەربىيسىدىكى يېڭى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولغۇمىز بار، مۈمكىن بولارمۇ؟. بولۇپمۇ پۇتبول خەۋەرلىرىنى كۆرۈشكە بەك قىزىقىمەن، شۇڭا دۇنيا پۇتبول لەۋھە تالىشى مۇسابقىسى ئەھۋالى، ياۋروپا چىمپىيۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە قاتارلىق خەلقارادىكى تەسىر دائىرسى چوڭ «ئا» دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بەرگەن بولساڭلار، تېخىمۇ كۆپ تورداشلار سىلەردىن مىننەتدار بولغان بولاتتۇق.
2010-3-17 17:07:51
تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن بىز مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدا تەنتەربىيە سەھىپىسىنى تەسىس قىلدۇق . بەلكىم كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز . باش بەتتىكى سەھىپە ناملىرى قاتارىغا قارىسىڭىز ، تەنتەربىيە بېتىنى تاپالايسىز . ياكى تۆۋەندىكى ئادىرىس ئارقىلىق چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ :
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/node_2961.htm |
| No - 4 [ تەكلىپ ] |
![]() ئىمكانىيەت بولسا، مەخسۇس قانۇن ساۋاتلىرى سەھپىسى تەسىس قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشغا مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ نىكاھ،، ھەق-تەلەپ، ۋارسىلىق قىلىش.... ئائىت قانۇن-نىزاملار ۋە مۇشۇ تۈردىكى دېلو مىساللىرى بېرىلسە تورنىڭ شۆھرىتى چوقۇم تېخىمۇ ئاشقۇسى......
2010-3-11 18:15:02
بۇ سەھىپىنى تەسىس قىلىش بۇ يىللىق پىلانىمىز . يىل ئاخىرىغىچە يولغا قويۇشقا تىرىشىمىز .
|
| No - 5 [ سىلەردىن سورايدىغىنىم... ] |
![]() تور بېتىڭلارنىڭ دائىملىق كۆرۈرمەنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكىلەرنى سورىماقچىمەن:
مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،مەكتەپنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى قوشۇمچە ئىشلەيمەن. مەكتىپىمىزدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن سۈرەتلىك خەۋەر ئىشلەپ ئەۋەتسەم، تور بېتىڭلارغا مۇۋاپىق كېلەرمۇ؟ شېئىرىي ئەسەرلىرىمدىن ئەۋەتەي دېگەن قانداق ئەۋەتىشنى بىلەلمەي قالدىم، يول كۆرسەتكەن بولساڭلار! 2010-3-10 22:16:29
ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز . بىزنىڭ پەن- مائارىپ خەۋەرلىرىمىز بار ، شۇڭا بۇ تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ . ئەسەر ئەۋەتىشتە ، بېكەت ئۇقتۇرۇشى ئىچىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا يېزىلغان خەتنى كۆرسىڭىز ، ئەسەر يوللاش ئۇسۇلى يېزىلغان .
|
| No - 6 [ سالام. ] |
![]() ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدىھلەيدىغان ئەسەرلەرنى ئەۋەتسەك بۇلامدۇ .
2010-3-6 21:21:58
ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
|
| No - 7 [ ياخشىمۇسىلەر؟ ] |
![]() ياخشىمۇسىلەر؟ قارىسام ھازىر تور بېتىڭلارنى ناھايىتى ياخشىلاپسىلەر ، سەھىپىسىمۇ كۆپىيىپتۇ . بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشاللاندىم. مەن سىلەرنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرىڭلار بولاي دېگەنتىم ، نەۋرۇزغا ئائىت بىر ئەسەر توپلىغان ئىدىم سىلەرگە ئەۋەتىپ بىرەي كۆرۈپ باققايسىلەر.
2010-3-4 21:23:22
بىزگە بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . بىزمۇ دەل مۇشۇ ھەقتە ماتىرىيال توپلاۋاتقان .
|
| No - 8 [ پەرھات مۇھەممەتئىمىن ] |
![]() تەڭرىتاغ تورىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا جاپالىق ئىشلەپ كىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇشۇ توردىن پايدىلىنىپ كىلىۋاتقان ئەزىز كۈرۈرمەنلەر مەن سىلەرگە ئۇيغۇرچە تەڭرىتاغ تورى قۇرۇلغان 6يىللىق ئەزىز كۆندە سەمىمى سالام يولايمەن.
يىڭى دەۋىرىنىڭ تەلىېۋى بولغان ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى كۆنسايىن تەرەققى قىلىپ ، ھازىرقى دەۋىرىدە ئادەم ئويلىغۇسىز دەرىجىدىكى نەتىجىنى ۋە سۆپەتنى ھەم ۋاقىت جەھەتتىكى قۇلايلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. قىسقىسى بىز تور دەۋىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئىتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى ئەمىليەتكە ئايلانغانلىقى ھەقىقەتتۇر. مۇشۇ پۇرسەتتە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىمۇ بىزنىڭ كۆندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىھتىياجىدىن چىقىش بىلە بىرگە ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، بىزنىڭ فاڭجىن ،سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا بىلىپ پايدىلىنىشىمىزغا ئاساس يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ. ھەر قايسى سەھىپىلىرىنىڭ رەڭدارلىقىمۇ ئادەمنى خېلىلا خۇشال قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى بۇخىل يۈزلىنىش چۇقۇم ياخشى نەتىجە بىرىدۇ. ئەمدى مەن تەڭرى تاغ تورىغا ئۆزۈمنىڭ بىر قانچە تەكلىۋىمنى بەرمەكچى. چۈنكى قۇرۇق ئەھمىيەتسىز ماختاشتىن كۆرە پايدىلىق تەكلىپنى بەرگەنلىكمۇ ھەقىقى قوللىغانلىق ھىسابلىنىدۇ. 1- مەن تەڭرى تاغ تورىغا ئىشتىراك ئىتىپ كىلىۋاتقىلى 2يىلدىن ئاشتى. مۇشۇ جەرياندا شۇنى ھىس قىلدىمكى بۇ تورغا چىقىرىلغان خەۋەرلەر ، ئۇچۇرلار ھەمدە باشقا تۈردىكى ژانىرلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىنىدىكەن. بۇ بەلكىم ئاخبارات چىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بولغان ئەمىلى مەسىلىدۇر. لىكىن ئاخبارات چىنلىقى بىلەن بىرگە يەنە بىر مۇھىم ئۇرۇندا تورىدىغىنى، ئاخبارات تارقاتقۇچى بولغان ۋاستە -مەتبۇئات ۋە مىدىئە سېستىمىسىنىڭ ،ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان خاسلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئىجادى تۈستىكى ئىلمى قىممىتىدىن ئىبارەت . بۇنداق دىگىنىم قانداقتۇرتەڭرى تاغ تورىنىڭ ئىجادى تۈسى يوق دىگىنىم ئەمەس. ئەمدى مەن بۇ يەردە پەقەت مۇۋاپىق بولغان ئۇچۇر مەنبەسىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن. كەسىپ نوقتىسىدىن ئالغاندىمۇ بىزنىڭ بۇ تورىمىز كۆچلۈك بولغان ئاخبارات سېستىمىسى. شۇنداقكەن بۇجەھەتتە باشقۇرغۇچى مۇھەرىرلەرنىڭ بەكرەك ئىزدىنىشىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن. 2- تەڭرىتاغ تورىغا رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇنداقكەن تورىمىزنىڭ نۇپۇزىمۇ ھەقىقەتەن يۇقۇرى. شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭغا ئىشتىراك ئەتكۈچىلەر نۇقۇل ھالەتتىكى كۆرۈپ پايدىلانغۇچىلار بولماستىن بەلكى ئەمىلى ئىقتىدارى يۇقۇرى بولغان ، ھەر قايسى ساھەنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرى ،زىيالىيلىرىدۇر. مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ تور تەرەققىياتىغا ھەسسە قۇشۇشىغا ئەمىلى شارائىت يارىتىپ بىرىلسە. 3- تورىمىزدا يەنە بىر ئويلىغىنىم تورداشلارنىڭ ماقالە ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشى ئېلىخەت بىلەن باغلاپ قۇيۇلغان. بۇ بىر ياخشى تەدبىر. لىكىن بەزىدە سەل قۇلايسىزلىقلار مەۋجۇد بۇلىدىكەن. شۇڭلاشقا بىۋاستە ماقەلە يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتسەك قانداق بۇلار؟ يەنى خۇددى ھازىرقى پىكىر تەكلىپنى يوللىغاندەك يوللاش ئىقتىدارىنى ئاچقىلى بۇلارمۇ؟ مىنڭ سەمىمىيلىك بىلەن بو تورنى قىزغىن سۈيىدىغان بىر ئابونىت بۇلۇش سۆپىتىم بىلەن بەرمەكچى بولغان تەكلپىم مۇشۇنچىلىك. مۇۋاپىق بولسا ئويلىشىپ كۈرەرسىلەر. ئۇنداق بولسا سەمىمىيلىك بىلەن ئۆز پىكىرىمنى ساقلاپ قالىمەن. قىسقىسى مەن بو تورنىڭ گۈللىنىشىنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. 2010-2-18 13:47:58
تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىغا ۋە سەمىمىي پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىگە تولىمۇ مىننەتدارمىز . سىلەرنىڭ تەكلىپىڭلار بىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىمز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق . بىز چوقۇم تورداشلار ئوتتۇرغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ ، تورداشلار ھەققىي ياقتۇرۇدىغان تور بەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز .
|
| No - 9 [ ئەدەبىيات ھەۋەسكارى، ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئىمكان بولسا ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ مۇندەرىجىلىرىنى مۇشۇ توربەتكە يوللاپ قويغان بولساڭلار.
2010-2-14 18:42:57
بۇ تەكلىپىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز .
|
| No - 10 [ كۈرەش ] |
![]() ئەسـسىلام تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تۇرىنىڭ جاپاكەش خىزمەت قىلغۇچىلىرى
سىلەرنىڭ شىنجاڭ تىلۋىزىيسىنىڭ <دۇنيا ھەپتىلىكى> ۋە <جاھاندىكى ئىشلار>نى كۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ كىلىۋاتقىنىڭلاردىن تۇلىمۇ خۇشالمەن ھەمدە بۇندىن كىيىنمۇ دۇنيا خەۋەرلىرىدىن ۋاختىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئاخىرىدا سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن چەكسىز بەخىت تىلەيمەن. 2010-2-13 1:07:54
تورىمىزغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغايسىز .
|
| No - 11 [ گۈلنۇر ] |
![]() تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارلىق جاپاكەش ،قۇلى گۈل خادىملىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەمگەكلىرىنىڭ تېخىمۇ خۇشپۇراق چېچىشىنى ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!!!
2010-2-12 16:59:31
تورداشلارنىڭ بىزنى قوللاپ بەرگەنلىكىدىن مىننەتدارمىز .
|
| No - 12 [ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى قۇرلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى .. ] |
![]() تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى قۇرلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!
مەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، بۇگۇن تاسادىپىي پۇرسەتتە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆرۇپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم.دىمەك تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى 6 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى بىلەن ئۆزگىرشلەرگە تەڭ قاتناشتى ۋە گۇۋاھچىسى بولدى. بۇ ئەلۋەتتە پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ئىش. تور بەت مەزمۇنلىرىنى ئاساسەن تولۇق دەپ قاراشقا بولىدۇ،مۇمكىن بولسا قانۇن-تۇزۇم سەھىپىسى تەسسىس قىلىنسا،ئەگەر ئىمكانىيەت ياربەرسە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى مەركەز ئاخبارات تورلىرىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ يوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلسا دىگەن ئۇمۇدتىمەن. ئاخىرىدا تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ تېخىمۇ بىيىشىنى ۋە دۇنياغا تونۇلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. 2010-2-1 17:12:35
تور بېتىمىزگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ۋە قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت . بىز بۇنىڭدىن كېيىن بېتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ ، تورداشلارغا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئەڭ تېز يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز .
|
| No - 13 [ ياۋا ئات ] |
![]() ھۆرمەتلىك مۇھەررىرلەر، "تەڭرىتاغ تورى" ئارقىلىق قانۇن، سىياسەتلەردىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرلىرىڭلارنى ئەمگىكىگە مىننەتدارمەن.
مېنىڭ سورايدىغان سۇئالىم : "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇنۋېرسال تۈزەش نىزامى" (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى) نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى بارمىدۇ؟ 2010-1-29 10:30:45
بۇ نىزام بۈگۈن تېخى ئېلان قىلىندى . بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-02/02/content_51087.htm |
| No - 14 [ ئەخمەتجان ھوشۇر ] |
![]() ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ تورىدىكى جاپاكەش باغۋەنلەر ياخشىمۇ سىلەر. ھارمىغايسىزلەر باغۋەنلەر مەن بىر تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن سىلەرگە ئۇزۇندىن بۇيان خەۋەر ماقالىلەرنى ئەۋەتىپ كېلىۋاتىمەن. بەزى ھاللاردا مۇھىم دەپ قارالغان خەۋەرلەرگە ئىككى، ئۈچ پارچە سۆرەتنى قۇشۇپ ئەۋەتىش توغرا كېلىدىكەن. مەن ھەر قانچە تىرىشىپمۇ بىر قېتىمدىلا ئىككى، ئۈچ پارچە سۆرەتنى ئەۋەتسەم غەلبىلىك بولمىدى. مەن سىلەرگە بىر ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇ توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان ئىدىم. شۇنداق تەققازالىق بىلەن كۈتتۈم. سىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئالدىراشلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك بۇنىڭ ئۇچۇرى كەلمىدى. قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ مېنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى سۇئالىمغا تەپسىلى تېزدىن جاۋاپ بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
2010-1-28 14:55:57
سىز ئاۋۋال سۈرەتلەرنى پىرىزلاپ ( 压缩) ھۆججەت شەكلىدە ساقلاڭ . ئاندىن ئەۋەتىڭ .
|
| No - 15 [ ئەخەت سىمەت ] |
![]() تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تۇرى بەك ياخشى باشقۇرۇلۇپتۇ بىز ئىزدىگەن ماتىرياللار تېپىلىدىكەن بۇندىن كىيىنمۇ تېخىمۇ ياخشى ماتىرياللارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزلارنى ئۈمۇت قىلىمەن.
2010-1-27 13:50:54
رەھمەت. داۋاملىق قوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
|