No - 1 [ ئارمان ]
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇھەررېرلەر ياخشىمۇ سىلەر.جاپا چەكتىڭلار  .مەن تەڭرىتاغ  ئىكرانىدىكى  مەزمۇنلارنى  ئاچالمايۋاتىمەن  ،ماڭا ياردەم قىلساڭلار  ،ئاۋارە قىلدىم.
2010-1-27 11:04:23

سىز ئاۋۋال بىز تەمىنلىگەن قويغۇچ (播放器) نى كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاڭ . ئاندىن كۆرەلەيسىز .
No - 2 [ ئېزىز يىمىت ]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇھەررىر ياخشىمۇسىز .........؟
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ ياخشىلىغىدىن ، بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىۋېتىپتۇ . مەنمۇ ھەركۈنلىگى بۇ تور بەتنى بىر ئىككى قېتىم زىيارەت قىلمىسام ھېساپ ئەمەس ، مەنمۇ بۇ تور بەتكە يېڭى ئەسەر ئەۋەتىپ باقاي دىسەم ، " ئەسەر ئەۋەتىڭ " دىگەن يەرنى باسسام email كۆزنىگى ئېچىلىپ كىتىدىكەن ، ئەسەر ئەۋەتىش ئۈچۈن قانداق ئانال قىلىمىز ؟ مەسلىھەتىڭىزنى كۈتىمەن
2010-1-22 23:07:15

ئەسەر ئەۋەتىش ئۈچۈن  ، باش بەتتىكى بېكەت ئۇقتۇرۇشى ئىچىگە يېزىلغان ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەتنى باسسىڭىز شۇنىڭ ئىچىدە ئەسەر ئەۋەتىش ئادىرىسى ۋە ئۇسۇللىرى ئېنىق يېزىلغان . شۇ يەردىن يوللىسىڭىز بولىدۇ .
No - 3 [ ئابلىز قۇربان ]
ياخشىمۇسىز مۇھەررىر؟
مۇمكىن بولسا << قارا يۈرەك >> پوۋېستىنىڭ ئاخىرىنى تىزراق  ئېلان قىلىپ قويغان بولساڭلار.  ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كىشىنى تەقەززا قىلغىلى تۇردى.
2010-1-14 13:46:58

بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى قىزىقىپ كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت . بىز پىلان بويىچە ھەپتىدە بىر باپتىن چىقىرىشقا تىرىشىۋاتىمىز . داۋامىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتكەيسىز .
No - 4 [ ئىمامھەسەن ]
ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ تور بىكىتىنىڭ تىرىشچان موھەررىرلىرىنىڭ بىز تورداشلارنى ھەر خىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىنىڭ كىچىككىنە ئىلتىماسىمنى ئويلۇشۇپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
   مەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مىللەتلەر ئىتپاقلىقى دەرىسىنى بىرىمەن ، بۇ دەرىسنىڭ دەرىسلىك كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن مىللەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئىنتايىن ئاز،ھەر بىر مىللەت توغرىسىدا بىرىلگەن مەلۇمات بىر ئابزاستىن ئاشمايدۇ. پەقەت دەرىسلىك كىتاپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالغاندا بۇ دەرىسنىڭ نىشانىغا يىتىش مومكىن ئەمەس.كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش دىتالى تۈزۈش ئۈچۈن ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت، يىمەك-ئىچمەك ،كىيىم-كچەك ،تەق-تۇرقى،تۇرالغۇ ،بۇ مىللەتلەر ياشايدىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ مەنزىرىسى ،نوپوسى،تىلى،يېزىقى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە مەلۇماتلار بولۇشى كىرەك .
  دىمەكچى بولغىنىم تەڭرىتاغ تور بىكىتىگە مۇشۇ توغرىسىدا مەخسۇس بىر سەھىپە تەسىس قىلىپ بىزنى يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىگەن بولسا ، بىزمۇ دەرىس ئۆتۈشتە قىينالمىغان بولاتتۇق ھەم تەڭرىتاغ تور بىكىتىمۇ مىللەتلەر ئىتپاقلىقى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولاتتى. سىلەرنىڭ مىنىڭ بۇ تەكلىۋىمنى ئويلۇشۇپ بىقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
( بەلكىم بۇ توغرىسدىكى ماتىرياللار باشقا خەنزۇچە تور بىكەتلەردە بولۇشى مومكىن ،ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە ماتىرياللاردىن پايدىلنالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن ئاز ساندا  )
  
2010-1-13 0:11:02

بىزنىڭ <<گۈزەل شىنجاڭ>> ۋە <<مەدەنىيەت>> سەھىپىلىرىمىزنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقسىڭىز ، بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى تاپالايسىز . بەلكىم سىز ئېيتقاندەك تەپسىلىي ۋە تولۇق بولمىسىمۇ ، ھەر ھالدا سىزنىڭ دەرىسلىك تەييارلىشىڭىزغا ياردىمى بولالايدۇ دەپ قارايمەن .
No - 5 [ مۇھەممەت ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تەڭرىتاغ تور بىكىتىدىكى مۇھەرىرلەر!  توربىكەت مۇھەرىرلىرى، كۆپ جاپا چەكتىڭلار.
ئۇزاقتىن بۇيان سىلەر مۇقىم ھالدا يىڭىلىقلار بىلەن تەمىنلەپ كىشىلەرنىڭ مەنىۋەىي تۇرمۇشىنى بىيىتىپ كەلدىڭلار.
سىلەرگە خۇشاللىق ۋە سالامەتىك تىلەيمەن.
سىزلەردىن بىر ئىشنى سوراي دىۋىدىم،
تەڭرىتاغ تور بىكتىنىڭ بوشلۇق سېتىش مۇلازىمىتى بارمۇ؟
مەن بوشلۇق سېتىۋالماقچى ئىدىم،.،،ۋە كومپىيۇتىربىلىملىرىگە ئائىت قانۇنلۇق بىكەت قۇرماقچى ئىدىم. بوشلۇقنى باشقا يەردىن ئالسا ئىشەنچىسىز، بىر مەزگىلدىن كىيىنلا بوشلۇق ساتقانلار  سەمىمىيەتسىزلىك قىلىدىكەن.
مۈمكىن بولسا سىلەر ئىشىلتىۋاتقان بوشلۇقتىن  بىر ئاز سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بارمىدۇ؟
2010-1-10 20:57:23

بىزدە بۇرۇن بوشلۇق سېتىش مۇلازىمىتى بار ئىدى . بىراق ھازىر ئۇ مۇلازىمىتىمىز مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقىتلىق توختىدى . كېيىنچە يولغا قويۇپ قالساق ، چوقۇم تورداشلارنى بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلىمىز .
No - 6 [ تىلەك ]
بەلكىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېڭى بىر مەنزېل سىلەر، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتقا، ئىنسانلارغا كەڭ قۇچاق ئاچقۇسى، نەتىجە پەقەت ئۆتمۈشنىڭ گۇۋاھچىسى، پەقەت تىرىشىپ-تىرماشقاندىلا تېخىمۇ كۆپ مەنزېل گۇۋاھچىلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ، مانا سىلەرمۇ ئالتە يىللىق مۇساپىنىڭ ئەڭ يارقىن كۆلەڭگۈلىرىنى تور بېتىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ھالەتتە قالدۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭلار! مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كۆرۈرمەنلەرنى رازى قىلىپ، بۇ زېمندىكى كەڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش تەرەپلىرىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، <<تۇرمۇشقا، ئەمەلىيەتكە، ئاممىغا>>تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى تىلەيمەن.
2010-1-10 19:26:12

تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت . بىز چوقۇم تورداشلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشقا تىرىشىمىز .
No - 7 [ ئابلىكىم ]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدىھلەيدىغان ئەسەرلەرنى ئەۋەتسەك بۇلامدۇ    .
2010-1-10 16:41:46

ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
No - 8 [ رەيھانگۈلدىن ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەررىر قىرىنداشلار!يىڭى يىلىڭلارغا موبارەك بولسۇن!
سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق مەيدانغا  كىلىۋاتقان يىڭى بىلىم، يىڭى خەۋەرلەر ھەممىمىزنى خوشال قىلىدۇ. ھارمىغايسىلەر! رەھمەت سىلەرگە!  بەخت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!
2010-1-4 13:23:18

تورداشلارنىڭمۇ بىزنى قوللاپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت .
No - 9 [ باتۇر ئابدۇللا تۇركان ]
مەن ئىككى يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىن كۆپلىگەن يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولىۋاتىمەن. ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىن خەۋەردار ھەر قانداق ئادەم بۇ تور بېكىتىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك مەزمۇنلارنى تاپالايدۇ. لېكىن ئۈچ تۈرلۈك مەزمۇن كەممىكىن دەپ ئويلايمەن. بىرىنچىسى تورداشلار ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئىلخەت ساندۇقى، ئىككىنچىسى تور لوغىتى(خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە- قازاقچە- قىرغىزچە ئارا)، ئۈچىنچىسى كېرەكلىك يۇمشاق دىتاللار .
بۇ بېكەت ھۆكۈمەت تورى بولغاچقا يۇقارقى مەزمۇنلار بېيىتىلسا مەزمۇنى رەڭدار، ئىشلىتىلىشچانلىقى كۈچلۈك تور بېكىتى بۇلامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
2010-1-3 17:50:04

تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە تولىمۇ خوشالمىز . بىز پەقەت شارائىت ۋە پۇرسەت يار بەرسىلا ئامال بار تەكلىپىڭلارنى ئورۇنلاشقا تىرىشىمىز . بىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىمىز تورداشلىرىمىزنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ .
No - 10 [ پۇتبول ]
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى تاغا ھەدىلەر سىلەرنىڭ تور ئىتىلىپ قالغاندىن بېرى ھەر خىل كىشىلەر تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغان خەۋەر تېمىلىرىڭلار ئارقىلىق بىزنى يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغىنىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ! سىلەرگە كۆپ رەخمەت ،جاپا چەكتىڭلار !
شۇ ئاساستا سەمىمى ئىلتىماسىمنى سىلەرگە قويۇپ باقاي دىمەكچىمەن :
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى <<تەڭرىتاغ ئىكرانى >> سەھىپىسىدىكى مەزمۇنلار ۋاقتى-ۋاقتىدا يىڭىلىنىپ تۇرسىكەن ،  تەڭرىتاغ تورىدىكى جاپاكەش تاغا-ھەدىلەرنىڭ ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ، رەخمەت !
2010-1-3 16:42:44

تەڭرىتاغ ئېكرانى سەھىپىمىز ھەر ھالدا ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ . تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك پروگراممىلىرىنى بېرىپ كېلىۋاتىمىز . بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ۋاقتىدا يېڭىلايمىز .
No - 11 [ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇھەرىر ئاكا- ھەدىلەر ياخشىمۇسىلەر! ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەڭرىتاغ ئىكرانى سەھىپىسى ئېچىلغاندىن بۇيان تورداشلارغا ئىزچىل تۈردە نادىر تېلۋىزىيە نومۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن تېلۋىزىيە نومۇرلىرىنى تەڭرىتاغ ئىكرانى ئارقىلىق كەڭ تور ئەھلىگە سۇنۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تور تېلۋىزىيىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز، بولسا تېخنىكا يار بەرسە شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ باشقا قاناللىرىنىمۇ قوشسساڭلار!
ئاخىرىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كەڭ مۇھەررىر، خىزمەتچى ئاكا-ھەدىلەرنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە ساغلاملىق تىلەيمەن.
2010-1-3 1:26:58

بۇ تەلىپىڭىزنىمۇ ئويلىشىپ ئامال بار ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز .
No - 12 [ ئابدۇرېشىت ئېلى ]
سىلەرنى ماختىمىغان سۆزدىن بىرسىمۇ تەستىقلىنىپ جاۋاب قايتۇرۇلمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟ مەن يېقىندىن بىرى بەزى مەسىلىلەرنى سورىغان ھەتتا تۈنۈگۈن تور بېتىڭلارغا خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنى ئۇلاپ قۇيۇش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان... ھېچقايسىسىغا جاۋاب يوق.
تەڭرىتاغ تورى ئادەمنى بۇنداق ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكى كېرەك ئىدى!
2009-12-31 23:35:11

سىز بۇ ھەقتە خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قالغان ئوخشايسىز . بىزگە ھەقىقەتەن ماختىغان سۆز ۋە پىكىرلەر كۆپ كېلىدۇ ، بۇنداق سۆزلەرنىڭمۇ ھەممىسىنى تەستىقلاپ چىقارمىدۇق بەلكى بىزگە مەدەت بەرگەنلەرگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ جاۋاب قايتۇردۇق .  بىزگە ھەر خىل گەپ- سۆزلەر ۋە پىكىرلەر ھەر ۋاقىت كېلىپ تۇرىدۇ . ئەلۋەتتە ، ھەممە پىكىرلەر تەستىقلىنىپ كەتمەيدۇ . تورداشلار ئوتتۇرغا قويغان بەزىبىر مەسىلىلەر ۋە سۇئاللار جاۋاب تاپقاندىن كېيىن قايتۇرۇلىدۇ . سىز ئېيتقان مەسىلىگە كەلسەك ، گەرچە تور بېكەتنى ئۇلىنىش قىلىش ئاسان ئىش بولسىمۇ، بىراق بىز ھۆكۈمەت تورى بولغاچقا بۇ كىچىك ئىشقىمۇ سەل قارىمايمىز . شۇڭا بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ سىزگە قايتۇرغۇچە مەلۇم ۋاقىت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ، توغرا چۈشىنەرسىز . تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تورداشلارنى ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ . ئەستايىدىللىق - مەسئولىيەتنىڭ بىر بەلگىسى .
No - 13 [ ئەخمەت مۇھەممەت ]
ئەسسالاممۇئەلەيكۈم تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق تەھرىر، مۇخبىرلار!
بەلكىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېڭى بىر مەنزېل سىلەر، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتقا، ئىنسانلارغا كەڭ قۇچاق ئاچقۇسى، نەتىجە پەقەت ئۆتمۈشنىڭ گۇۋاھچىسى، پەقەت تىرىشىپ-تىرماشقاندىلا تېخىمۇ كۆپ مەنزېل گۇۋاھچىلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ، مانا سىلەرمۇ ئالتە يىللىق مۇساپىنىڭ ئەڭ يارقىن كۆلەڭگۈلىرىنى تور بېتىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ھالەتتە قالدۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭلار! مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كۆرۈرمەنلەرنى رازى قىلىپ، بۇ زېمندىكى كەڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش تەرەپلىرىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، <<تۇرمۇشقا، ئەمەلىيەتكە، ئاممىغا>>تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى تىلەيمەن.
    يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى يىل بايرىمىڭلارغا ئۇتۇق تىلەپ، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، بەخت-ئامەتلەرنىڭ سىلەرگە مەڭگۈ ھەمراھ بولۇشىنى تىلەيمەن.

    ئاخىرىدا، تور ئارقىلىق بارلىق كەسىپداشلارنىڭ يېڭى يىلىنڭ تېخىمۇ خۇشاللىققا، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ مەڭگۈ يار بولۇشنى ئۈمىد قىلمەن.

2009-12-31 11:24:07

تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارلىق خادىملارمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ يېڭى يېلىنى تەبرىكلەيدۇ ھەم ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيدۇ . تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت .
No - 14 [ ئالىم ]
تەڭىرىتاغ ئۇيغۇر تورى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى خەۋەرلەرنى ئەڭ تىز يەتكۈزۈپ بىزنىڭ ئىقىم مەسىلىلىرى چۈشەنچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردى ، مەن دائىم بۇ توردىن مەملىكەت خەۋەرلىرى كۆرىمەن ، شۇڭا بۇ تور بەت خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئىيتىمەن .
2009-12-29 14:35:19

سىزگىمۇ رەھمەت . داۋاملىق تەكلىپ پىكىر بېرىپ تۇرارسىز .
No - 15 [ نۇرمەمەت قۇربان ]
مەن كۈندە <تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى> نى كۆرىمەن. نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈنىمەن. كەڭ خىزمەتچى خادىملارنىڭ جاپالىق خىزمەتلىرىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولىمەن ھەم ئۇلارنىڭ ئاققۇزغان تەرىنىڭ بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنىمەن.
{مۇھىم}، {شىنجاڭ خەۋەرلىرى}، {مەملىكەت خەۋەرلىرى}، {خەلقئارا خەۋەرلەر} نىڭ يېڭى، كۆپ ھەم رەڭدار بولىشىنى تىلەيمەن.
    تەڭرىتاغ ئېكرانىدىكى تېلۋىزىيەخەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا تېز يىڭىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
      
ئاخىرىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كەڭ مۇھەررىر، خىزمەتچى ئاكا-ھەدىلەرنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە ساغلاملىق تىلەيمەن.
2009-12-28 23:50:39

بىزگە بەرگەن باھايىڭىزغا ۋە پىكىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . داۋاملىق تەكلىپ- پىكىر بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز .