No - 1 [ ئېلى ئەكبەر ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەررىر قىرىنداشلار! ياخشىمۇ سىلەر؟مەن ئۇيغۇرچە  تەڭرىتاغ تور بىتىنى كۆرۆپ بەك خوش بولدۇم(مەن كۆپىنچە خەنزۇچە تور بەتنى كۆرەتتىم).سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق مەيدانغا  كىلىۋاتقان يىڭى بىلىم، يىڭى خەۋەرلەر ھەممىمىزنى خوشال قىلىدۇ. ھارمىغايسىلەر! رەھمەت سىلەرگە!  بەخت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!
2009-12-28 22:02:47

بىز تەمىنلىگەن ئۇچۇر ، بىلىملەر تورداشلارغا پايدا ئېلىپ كېلەلىسە بىز بەكمۇ خوشال ، سىزگىمۇ رەھمەت .
No - 2 [ مۇتەللىپجان ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ مەن بىر يىزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىدا ئىشلەيمەن ، ئانچە مۇنچە  ئاخپارات -خەۋەرلەرنى، ماقالە ئەسەرنى  يىزىپ قويىسام بولامدۇ (مەزمۇنى يىزا ئگىلىككە ئائىت ) ، ئەۋەتىش ئۇسۇلى قانداق ؟ ماڭا چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز .
2009-12-28 0:57:33

بۇ ھەقتىكى خەۋەر- ماقالىلەرنى يوللىسىڭىز بولىدۇ . باش بەتنىڭ ئوتتۇرىدا <<بېكەت ئۇقتۇرۇشى>> ئىچىگە يېزىلغان ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەتنى چەكسىڭىز ، ئەسەر ئەۋەتىش ئادىرىسى ۋە ئۇسۇلى ئېنىق قىلىپ يېزىلغان .

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-07/15/content_216902.htm
بۇ ئادىرىستىن كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ .
No - 3 [ بىلالجان ]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ توربېتىنىڭ مۇھەررىرلىرى
ياخشىمۇسىلەر........
ئاڭلىسام بۇ توربەتتىن  شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسى
پىرگىراممىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن ،  مەن تاپالمىدىم  ، قانداق قىلسام
كۆرەلەيمەن.........؟؟؟؟
2009-12-27 18:13:27

ھايۋاناتلار دۇنياسى پروگراممىسى ئەمەس ، ئادەم ۋە تەبىئەت پروگراممىسى . بىزنىڭ تەڭرىتاغ ئېكرانى سەھىپىمىزدە بار . بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ .

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/video/node_940.htm
No - 4 [ غالىپجان ئابلىمىت ]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم :ھۆرمەتلىك مۇھەررىرلەر، مىنىڭمۇ سلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ئىشىڭلارغا ھەمدەم بولۇپ تەڭرىتاغ تورىنىڭ مەزمۇنىنى بىيىتىشقا تۆھپە قوشۇش ئارزۇيۇم بار.ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەسەر ئەۋەتىش مەشغۇلاتنى چۇشەندۇرۇپ قويغان بولساڭلار .
2009-12-27 17:34:54

باش بەتنىڭ ئوتتۇرىدا <<بېكەت ئۇقتۇرۇشى>> ئىچىگە يېزىلغان ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا خەتنى چەكسىڭىز ، ئەسەر ئەۋەتىش ئادىرىسى ۋە ئۇسۇلى ئېنىق قىلىپ يېزىلغان .

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-07/15/content_216902.htm
بۇ ئادىرىستىن كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ .
No - 5 [ ماھىرە ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن سىلەرنىڭ تور بېتىڭلاردىن ئىنتايىن رازى . بۇ مېنىڭ ئەدەبىيات دەرسىمدە مۇھىم رول ئوينىدى. مەن سىلەرنىڭ ھەرقايسى مەزمۇندىكى ماقال-تەمسىللەرنى كۆپلەپ كىرگۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
  كۆپتىن-كۆپ تەشەككۇر!!
2009-12-17 22:35:07

تەكلىپ - پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . بىز بۇنى چوقۇم ئويلىشىمىز .
No - 6 [ 721 ]
ئەسسالام ئەلەيكۇم  جاپا چېكىپ خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھەررىرلەر ،تەھرىر تاغا ، ھەدىلەر ياخشىمۇ سىزلەر ! ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئەزىز تېنىڭلارنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى تىلەيمەن . مەن يېڭىدىن تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغىللىنىۋاتقان يېڭى بىر تەرجىمان . مەن تەڭرىتاغ تورىڭلاردىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى كۆرۈشىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن . مەن سىلەرگە ئەسەر يوللاي دېگەن ئېدىم ، ئەسەر يوللىغاندا نېمىلەرنى ئەسكەرتىش كېرەكلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار ، سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيىتقان بولاتتم . سىلەرنى ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن ئىنتايىن خىجىلمەن .
2009-12-17 13:36:46

ئەسەر يوللىغاندا ئەگەر تەرجىمە ئەسىرى بولسا، ئەڭ ياخشىسى تەرجىمە ئەسىرىنىڭ ئەسلى ئاپتورى ۋە قەيەردىن ئېلىنغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ .
No - 7 [ قەلەم ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇھەررىرلەر:
مەن بىر تەرجىمە ھەۋەسكارى. مەن سىزلەرنىڭ ئەسەر يوللاش سېستىمىڭىزلار ئارقىلىق ئۆزەم تەرجىمە قىلغان تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى، تىببىي تەرجىمىلەرنى يوللىماقچى ئىدىم. ئىلگىرى ئۆزەمنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىنى يوللىساممۇ بولامدۇ؟
يەنە بىر ئىش ، مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى ئەسەرلەر ئەلپىدا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچتە ئۇرۇلغان (ئويغان يۇنىكودلۇق كىرگۈزۈش سېستىمىسىمۇ بار ئىدى. لېكىن ئۇنى ئادەتتە كۆپ ئىشلەتمەيتتىم). شۇڭا سىزلەرنىڭ سېستىمىڭىزلار تونۇمدۇ يوق بىلمىدىم.
2009-12-17 12:45:05

بىزنىڭ سېستىمىمىز ئەلپىدا خەت سېستىمىسىنى تونىۋېرىدۇ . ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
No - 8 [ چىن 520 ]
ئەسسالام ئەلەيكۇم بىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ جاپا چېكىپ خىزمەت قىلۋاتقان مۇھەرىرلەر ياخشىمۇ سىزلەر. مەن خۇددى ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىمنى سۆيگەندەك سىزلەرنىڭ خىزمىتڭلارنىمۇ ئوخشاشلا سۆيىمەن. مىنىڭ خىزمىتىمغۇ سىلەرنىڭكىگە سىلشتۇرغاندا ھىچنىمە ئەمەس . سىلەر بولغاچقىلا بىز نۇرغۇن ئىشلاردىن بالدۇر ھەم قىينالمايلا خەۋەردار بۇلۇپ كېلىۋاتىمىز . مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردىن بەك رازى . مەن سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلارنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن . ھەم تىنىڭلارنىڭ سالامەت ئىشلىرىڭلارنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىنى تىلەيمەن.
2009-12-15 0:28:08

تورداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز . تورداشلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالىغىنىمىز بىزنىڭ ئەڭ زور خوشاللىقىمىز .
No - 9 [ مۇتەللىپ مۇسا ]
ھۆرمەتلىك تەھرىر، سىلەرنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز، خالىس ياردەم قىلىۋاتقىنىڭلارغا ، بىزنى يىتەكلەپ ، دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرىۋاتقىنىڭلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەرگە دەيدىغان بىر تەلىپىمى بار ئىدى مۇمكىن بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار.
ماڭا يېقىندا گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر ئاق تاشلىق كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى لازىم ئىدى، كىتاپخانىدىن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، توردا خەنزۇچىسى باركەن، ئۇيغۇرچىسى ئېلان قىلىنغانمىدۇ بۇنى بىلەلمىدىم، توردا ئۇيغۇرچىسى ئېلان قىلىنغان بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار!
2009-12-14 13:34:07

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى تېخى چىقمىدى . ئەگەر بىزگە يېتىپ كەلسە بىز چوقۇم تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ ، كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تورغا چىقىرىپ قويىمىز . يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرارسىز .
No - 10 [ غالىپجان ئابلىمىت ]
ھۆرمەتلىك مۇھەررىر ياخشىمۇسىز ، تۆھپىكارلىرىمىز سىتونى دەل نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقتى . بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم . بىراق بەزى ئەدىبلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى بەك چالا بولۇپ قاپتۇ ، ھەم بەزى غوللۇق ئەدىبلىرىمىز كىرگۈزۈلمەپتۇ . ئىمكانىيەت يار بەرسە مۇشۇ تەرەپلەرنى تولۇقلىغان بولساڭلار ھەم ئەسەر ئەۋەتىش مەشغۇلاتىنى سۆز قالدۇرغاندەك ئاددىيلاشتۇرغان بولساڭلار.رەھمەت .
2009-12-13 2:36:23

پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . بىز چوقۇم بۇ ھەقتە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمىز . ئەسەر ئەۋەتىش مەشغۇلاتىغا كەلسەك ، ھازىر ئېنتىرنېت نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن ئەسەر يوللاشتا بۇرۇنقىدەك خەت ساندۇقىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بىز بۇ خىل ئەسەر ئەۋەتىش سېستىمىسىنى ۋاقىتلىق تەسىس قىلغان . تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
No - 11 [ تۇرسۇنتاي تۇرغان ]
مەن دائىم تەڭرىتاغ تورىغا چىقىپ سىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىرىڭلار بەدىلىگە كەلگەن ئىسل مەزمۇنلاردىن ھوزۇرلىنىمەن، سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
بىراق ئادەم تويماس بولىدىكەن ، سىلەر شۇنداق كۆپ مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەپ ھەممىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋاتقان بولساڭلارمۇ سىلەرگە يەنە ئازراق تەكلىپ بەرگۈم كىلىۋاتىدۇ:
ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان ھەر خىل ژورناللار ئىچىدە بىر قىسىملىرىنى تاللاپ <<تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>> دىگەن سەھىپەڭلەرگە كىرگۈزۈپسىلەر، شۇنداق ياخشى بولۇپتۇ. مۇمكىن بولسا <<شىنجاڭ مەدەنېيىتى>>،<<ئىلى دەرياسى>> قاتارلىق باشقا ياخشى ژورناللىرىمىزنىمۇ قېتىپ قويغان بولساڭلار سىلەرگە مىڭ مەرتېۋە رەھمەت ئېيتقان بولاتتىم!!!
2009-12-12 12:48:47

بىز تورغا قويغان بىر قىسىم ژورنال ئەسەرلىرى بولسا ، بىز شۇ ژورنالنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىلگەن ئەسەرلەر . ئەگەر سىز ئېيتقان ژورناللاردىن ئەسەر ئېلىشقا توغرا كەلسە ، ژورنال تەھرىراتلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ . بىز بۇ ھەقتە چوقۇم ئويلىشىپ كۆرىمىز . داۋاملىق تەكلىپ پىكىر بېرىپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
No - 12 [ تۇرسۇنجاندىن ]
ھۆرمەتلىك مۇھەررىگە:  
سىزلەرنىڭ تەڭرىتاغ ئېكرانىدىكى (ئادەم ۋە تەبىئەت)(جاھاندىكى ئىشلار)
(قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت) پىراگراممىلىرىنى بىز بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمىز.
بۇلۇپمۇ ئۆيدىكى چوڭلار بەك ياقتۇرىدۇ . سىزلەرنىڭ بۇ پىروگراممىلارنى
يولغا قويغىنڭلارغا كوپ رەخمەت . بىز تۇلىمۇ رازى بولدۇق . ھارمىغايسىزلەر.
خىزمىتىڭلەرگە ئۇتۇق تىلەيمىز.
2009-12-11 16:58:12

تورداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىش بىزنىڭ نىشانىمىز . بىزنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
No - 13 [ مەنزىرە ئەنۋەر ]
ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇم!
ياخشىمۇسىز !سوراپ باقسام ، 2009-يىلى 11-ئايدا ئېلىنغان خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى چىققانمىدۇ؟ مەن تىلفۇن ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلالمىدىم ،توردىن بىلەي دىسەم ئېنىق ئادرىسىنى بىلمەيدىكەنمەن .ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.رەھمەت!
2009-12-11 15:54:19

خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى پەقەت تېلېفۇن ئارقىلىقلا سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ . توردا سۈرۈشتۈرگىلى بولمايدۇ .
No - 14 [ مارالبېشى ]
مەن <تەڭرىتاغ تورى>دىكى نۇرغۇنلىغان سەھىپىلەرنى بېرىلىپ كۆرىمەن، نۇرغۇنلىغان پايدىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنۋالدىم. كەڭ خىزمەتچى خادىملارنىڭ جاپالىق ئەجىر-مېھنىتىگە چىن قەلبىمدىن تەشەككۇر ئېيتىمەن. مەن ئۆز نۆۋىتىدە <قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار> سەرلەۋھىسىىدىكى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ پايدىلىنىپ كېلۋاتقان ئىدىم. بۇنىڭدىكى بەزى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ ساقلۋالغىلى بولسىمۇ كۆپ ساندىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ ساقلۋالغىلى بولمايدىكەن. مۇمكىن بولسا، كۆچۈرۈپ ساقلاپ پايدىلانغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان بولسا، تېخىمۇ قولايلىق بولغان بۇلار ئىدى.
2009-12-11 14:22:28

كۆچۈرۈپ ساقلىغىلى بولىدىغان قىلىش كۆپىنچە تورداشلارغا پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ ، بىراق بىر قىسىم كۆچۈرمىكەشلەر بۇنىڭدىن باشقىچە ئۇسۇلدا پايدىلىنىپ ، ئاپتورنىڭ ۋە مەتبۇئاتنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ . شۇڭا بەزى ۋاقىتتا مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش بىر قەدەر ئاقىلانىلىق دەپ قارايمىز .
No - 15 [ ئىھسان ]
ھۆرمەتلىك مۇھەررىر:شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلىقئارا خەۋەرلەر> پىرگىراممىسىنى قايەردىن كۆرگىلى بولىدۇ؟ماڭا جىددى لازىم ئىدى .
2009-12-10 8:41:23

تەڭرىتاغ ئېكرانى سەھىپىمىز ئارقىلىق كۆرسىڭىز بولىدۇ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/video/node_867.htm