|
| No - 1 [ يالقۇن تىلۋالدى ] |
![]() ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئارقىلىق بىزنى جاھان يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلىۋاتقان تۆھپىكار ئەزىمەتلەر . مەن سىلەرنىڭ بۇ جاپالىق ئەجرىڭلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم . مەن سىلەرنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن . سىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىزگە سۇنۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2009-12-6 15:55:54
تورداشلارنىڭ بىزگە بەرگەن باھاسىغا كۆپ رەھمەت . بىز چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ ، خەلقنىڭ كۈتكۈن يېرىدىن چىقىشقا بەل باغلايمىز .
|
| No - 2 [ كومپيۇتېر مەستانىسى ] |
![]() مەن بۇرۇن تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەنزۇچە قىسمىنى كۆپ كۆرەتتىم يېقىندا ئۇيغۇرچە قىسمىنىمۇ كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدىم، سەھىپىلىرى خېلىلا مول ئىكەن، بىراق خەنزۇچىسىنى كۆپرەك كۆرۈپ كۆنۈپ قالغاچقىمۇ، بىر قىسىم مەزمۇنلار كەمدەك بىلىندى، ئىلىم-پەن قىسمى، بولۇپمۇ سېفىرلىق ئۈسكىنىلەر، كومپيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسى قىسمى كەمرەك ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ئەگەر تەرجىمە كۈچۈڭلار يېتىشسە، شۇ قىسىمغا دائىر مەزمۇنلارنىمۇ چىقارساڭلار، تورداشلىرىمىز پايدىلانسا.
2009-12-5 17:36:22
بىز بۇ جەھەتتە كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىمىز ، پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
|
| No - 3 [ نازىلە ] |
![]() سىلەرنىڭ بۇ تەڭرىتاغ تورىڭلار كۈندىن-كۈنگە ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ بولۇپمۇ ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ ئەۋەتكەن ماقالىلىرىنى ياخشى ئىشلىتىۋاتىسىلەر سىلەرگە رەھمەت !
2009-12-4 11:50:43
تورداشلارنىڭ قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت .
|
| No - 4 [ تۇرغۇن ] |
![]() ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم .يۇلداشلار .ياخشىمۇسزلەر؟ مەن تەڭرىتاغ تورنى دائىم زىيارەت قىلمەن .بۇ تور بىكتىدىكى قانۇن-تۇزۇم، پارتىيە ھۆكۇمەتنىڭ يىڭى سىياسەت-ئۇچۇرلىرىغا ئائىت مەزمۇنلار كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن.
ماڭا دۆلىتىمىزنىڭ << پۇقرالارنىڭ دەپنە-مۇراسىم ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر >> گە دائىر ماتىرىياللار ناھايىتى زۆرۈر ئىدى ، لېكىن ھېچيەردىن تاپالمىدىم . مۇمكىن بولغاندا ماڭا ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنغان بولساڭلا ! 2009-12-2 14:35:31
ياخشىمۇ سىز تورداش . بىز تور بېتىمىزدە سىز تىلغا ئالغان ماتىريالنى بېرىپ باقمىدۇق ھەم قالدۇرغان سۆزىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىنى ئىزدەپ تاپالمىدۇق . توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
|
| No - 5 [ شەھرىيار ] |
![]() بۇ يىل 10 - ئايدىكى < ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى > نىڭ نەتىجىسىنى قايسى تور بېتىدىن سۈرۈشتۈرىمىز ؟
2009-12-1 19:38:06
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2009-11/26/content_38398.htm
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2009-11/27/content_38843.htm بۇ خەۋەرلەر ئارقىلىق ئىزدىگەن ئۇچۇرىڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز . |
| No - 6 [ قادىر ] |
![]() بۇ توربەت شۇنداق ياخشى بوپتۇ . باشقا توربەتلەرنىڭمۇ مۇشۇ توربەتنى ئۈلگە قىلىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا مەنىۋى ئوزوق بېرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن!!!
2009-12-1 1:10:52
كۆپ رەھمەت . داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر بېرىپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
|
| No - 7 [ ئابدۇقادىر ] |
![]() ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمەن ھەمدە تەنلىرىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
مەن بۇيىل ئەدىلىيە ئېمتىھانىغا قاتناشقانتىم .لىكىن نۇمۇر سىزىقىنى كۈتۈپ بەك تىت-تىت بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن بۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر بەرسەڭلاربۇپتىكەن رەھمەت. 2009-11-28 14:33:56
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2009-11/23/content_37616.htm
بۇ خەۋەر ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالايسىز . |
| No - 8 [ نۇرئەخمەتچان ] |
![]() تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمەن ھەمدە تەنلىرىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
2009-11-27 13:00:10
كۆپ رەھمەت. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرمۇ كەڭ تورداشلارغا ھېيتلىق سالام يوللايدۇ .
|
| No - 9 [ تۇرغۇن ] |
![]() ئەدىليە ئىمتىھاننىڭ نۇمۇرىنى تور ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بۇلامدۇ؟ بۇ يىلقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ نۇمۇر چېكى قانچە بولغاندۇ؟ مۇشۇ توغىرلىق مەلۇماتلارغا ئىرىشسەك بۇلاتتى.
2009-11-25 14:33:53
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2009-11/23/content_37616.htm
بۇ ئادىرىس ئارقىلىق سىز سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز . |
| No - 10 [ نىگارە ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ئادەتلىرى توغرىسىدا ماتېرىيال كېرەك بولۇپ قالغانتى ياردەم قىلساڭلار .
2009-11-22 18:31:00
بۇ ھەقتە بىزنىڭ <<مەدىنىي مىراسلار>> بېتىمىزنى كۆرۈپ چىقسىڭىز ، ماتىريالغا ئىگە بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/Miras/node_1701.htm |
| No - 11 [ كۇچا ناھىيىسىدىن: ئەقىدە ئەخمەت ] |
![]() ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئائىلەڭلارگە بەخت ، جاپالىق خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەمدى ئۆزەمنىڭ گېپىگە كەلسەم ، مەن سىلەرگە داۋاملىق خەۋەر ماقالىلارنى ئەۋەتىپ تۇرىۋاتىمەن ئەپسۇس بىرەر پارچە خەۋرىممۇ چىقمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى ھېچ بىلەلمىدىم .
2009-11-21 17:03:39
سىزدىن بىزگە ھېچقانداق خەۋەر كەلمىدى . بىزنىڭ باش بەتتىكى << بېكەت ئۇقتۇرۇشى>> سەھىپىمىزدە ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا يېزىلغان خەت بار . شۇ خەتنى ئاچسىڭىز ئىچىدە خەۋەر يوللاش ئادىرىسى ۋە ئەۋەتىش ئۇسۇلى بار . شۇ بويىچە ئەۋەتىپ باقارسىز .
|
| No - 12 [ گۈلگىنە ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟
ھازىرغا قەدەر سەھىپەڭلەردە قۇربان ھېيىتلىق دەم ئېلىش توغرىسىدا تېخى ئۇقتۇرۇش چىقمىدى، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بارمىدۇ؟ رەھمەت. 2009-11-20 10:18:00
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2009-11/20/content_37514.htm
بۇ ئادىرىس ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز . |
| No - 13 [ ئەلى ] |
![]() سىلەرنىڭ تەڭرىتاغ ئېكرانى سەھىپىسىگە يوللىغان ۋېدىئو نومۇرلارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولامدۇ؟ ئەگەر چۈشۈرۈشكە بولسا قانداق ئۇسۇلدا چۈشۈرسەك بولار؟
2009-11-19 21:30:09
كەچۈرۈڭ ، چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولمايدۇ ، پەقەت توردىن كۆرۈپ ،تورىمىزدىن پايدىلانسىڭىزلا بولىدۇ .
|
| No - 14 [ تايىرجان ] |
![]() مەن تەڭرىتاغ ئېكرانىدىكى ئادەم ۋە تەبىئەت سەھىپىسىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ، ئەمما بۇ سەھىپە ئەسەرلىرى 2009-يىللىق 46-قىسىم بىلەن توختاپ قالدى . داۋامىنى يوللاش مۇمكىن بولمىدىمۇ قانداق . مەن بۇ سەھىپىگە كۈندە تەققەزا بىلەن كىرەتتىم . داۋانى يوللىنامدۇ ؟
2009-11-18 14:49:03
بۇ پىروگرامما ھەپتىدە بىر سان بېرىلىۋاتىدۇ ، بىز تېلېۋىزوردا بەرگەن بويىچە ئېلىۋاتىمىز . داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
|
| No - 15 [ مەمتىمىن ] |
![]() پارتىيە 17-قۇرۇلتاي 4-ئوموم يىغىنىغا دائىر تەسىرات ماقالىلىرى لازىم
2009-11-17 11:28:28
بىزنىڭ تورىمىزدا يىغىنلارغا ئائىت خەۋەرلەرلا بار . تەسىرات ماقالىلىرى يوق .
يىغىنغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ، ئۆز دائىرىسى بويىچە ئىزدىسىڭىز بولىدۇ . |