|
| No - 1 [ رابىيە ] |
![]() سەھىپەڭلەرنىڭ ساغلاملىق سەھىپىسىنى ياقتۇرۇپ قالدىم .تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى يوللىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز .رەھمەت
2009-11-16 17:33:09
سەھىپىلىرىمىز توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
|
| No - 2 [ ياۋا ئات ] |
![]() ھۆرمەتلىك تەھرىرلەر: مەن ژورناللاردىن يىغىپ تەرجىمە قىلغان يۇمۇرلارنى ئەۋەتسەم ئەسلى ئورگىنالى(خەنزۇچە ئەسەرنىڭ ئورگىنالى) كېرەك بولۇرمۇ؟
2009-11-16 15:53:16
مەزمۇنى ساغلام ، تەرجىمىسى توغرا ، سۈپەتلىك ئەسەرلەر بولسا ، خەنزۇچىسىنى ئەۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
|
| No - 3 [ ئەخمەتجان توختى ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كومپىيوتۇرۇمدا ئۇيغۇرچە سېستىما يوقتى،ئەسەر يوللاشتا چوقۇم قاچىلاش كېرەكمۇ؟
2009-11-16 12:48:05
ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلىشىڭىز كېرەك ، ئەسەر يوللاشتا ئۇيغۇرچە يېزىق كېرەك بولىدۇ ، ئەسەرنى ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئۇرۇپ كىرگۈزگەندىن كېيىن يوللىشىڭىز كېرەك .
|
| No - 4 [ ئەخمەتجان توختى ] |
![]() بۇ تورغا ئەسەر يوللىسا ئالدى بىلەن ئەزا بولۇش كېرەكمۇ،قانداق ئەزا بولىدۇ،ھىچ تاپالمىدىم.
2009-11-16 12:40:23
ئەزا بولمايمۇ ئەسەر يوللىغىلى بولىدۇ . سىز پەقەت بىز كۆرسىتىپ بەرگەن ئۇسۇل بويىچە يوللىسىڭىزلا بولىدۇ .
|
| No - 5 [ يىلپىز ] |
![]() تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدا شىنجاڭ گىزىتىنىڭ ئۇيغۇرچىسى يۇقمۇ؟ بۇلسا نەدىن ئاچقىلى بۇلىدۇ؟ خاپا بۇلاي دەپ بەرگەن بۇلسىڭىزلار---رەھمەت.
2009-11-14 16:28:44
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كۈندۈلۈك خەۋەرلىرىنى بىز تورغا كۈندە ۋاقتىدا يوللاپ تۇرىمىز . خەۋەرلەر سەھىپىسىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە گېزىتنىڭ خەۋەرلىرى بار .
|
| No - 6 [ خوتەندىن ئىمىنجان ] |
![]() ئەسسالام ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرىتىپ، مېنىڭ يازما يوللانمامنى كۆرگىنىڭىزگە سەممىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەمسە سۇئاللارنى بىۋاستە سوراۋېرەي:2009-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى (كۆمۈر باھاسىنى ئۆستۈرگەنلەرگە يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ) دەپ ئوقتۇرۇش چىقىرىپتىكەنسىلەر كۇرۇپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم،لىكىن بىر توننا كۆمۇرنىڭ باھاسى زادى قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرماپسىلەر ،شۇڭا سوراپ باقسام بىر توننا كۆمۇرنىڭ باھاسى زادى قانچە پۇل ئەتراپىدا بولسا بۇلىدۇ؟ 2009-11-11 11:35:47
بۇ ھەقتە بۈگۈن بېرىلگەن تۆۋەندىكى خەۋەر ئارقىلىق جاۋابقا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-11/18/content_36936.htm |
| No - 7 [ ئۇپۇق ] |
![]() مەن تەڭرىتاغ ئېكرانىدىكى ئادەم ۋە تەبىئەت سەھىپىسىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ، ئەمما بۇ سەھىپە ئەسەرلىرى 2009-يىللىق 27-قىسىم بىلەن توختاپ قالدى . داۋامىنى يوللاش مۇمكىن بولمىدىمۇ قانداق . مەن بۇ سەھىپىگە كۈندە تەققەزا بىلەن كىرەتتىم . داۋانى يوللىنامدۇ ؟
2009-11-5 15:18:01
ئادەم ۋە تەبىئەت پىروگراممىسىنىڭ داۋامى بۈگۈن يوللاندى . داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغايسز .
|
| No - 8 [ غەيرەت تۇرسۇن ] |
![]() ماڭا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2009-يىل 27-سىنتەبىردىكى (ئۇيغۇرچە) سانى كېرەك ئىدى.
2009-11-4 23:16:32
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كۈندۈلۈك سانىنى بىز ۋاقتىدا بېرىپ تۇرىمىز . سىز ھەر قايسى تۈردىكى خەۋەرلەرنىڭ <<تېخىمۇ كۆپ>> نى بېسىش ئارقىلىق ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز .
|
| No - 9 [ دولقۇن ] |
![]() A تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالاش لايىھىسى(2009 -يىللىق) شۇنداقلا يۇقۇش ئالامەتلىرى دىققەت قىلىدىغان ئەھۋاللار ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ماتىريال لازىم ئىدى . بۇ ماقالىنى نەدىن تاپىمەن تەپسىلى ئادرىسىنى يېزىپ قالدۇرغان بولسىڭىز .
2009-11-2 22:56:47
A تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكام توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئادەتتە بىز <<قىزىق نۇقتا>> سەھىپىمىزگە كۈندە دېگۈدەك يوللاپ تۇرىمىز . بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە زۇكام توغۇرلۇق چۈشەنچىلەر بار . شۇ سەھىپىدىن كۆرگەيسىز .
|
| No - 10 [ ئالماس ] |
![]() تۇنۇگۇن پاي چېكى ئۇچۇرلىرى توغۇرلۇق سۆز قالدۇرغان ، ئەمما بۇگۇن ئىزدەپ تاپالمىىدم ...
2009-11-2 21:46:23
پاي چېكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىزنىڭ تور مۇلازىمىتى سەھىپىمىزگە كۈندە دېگۈدەك بېرىلىدۇ . شۇ يەرگە دىققەت قىلغايسىز .
|
| No - 11 [ مەمتىمىن ] |
![]() ئەسسالام ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرىتىپ، مېنىڭ يازما يوللانمامنى كۆرگىنىڭىزگە سەممىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەمسە سۇئاللارنى بىۋاستە سوراۋېرەي: 1.مەن ئەگەر ئۆزەمنىڭ خەۋەر، ماقالىلىرىمنى شىنجاڭ گېزىتىگە ئەۋەتىش بىلەن بىرگە سىزلەرگىمۇ ئەۋەتسەم بولامدۇ ؟ 2.باشقا گېزىت، رادىئو قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، تەلىم-تەربىيە، ئەدەبىيات-سەنئەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ياكى ئىلمىي ماقالىلارنى سىلەرنىڭ تورغا يوللاپ بەرسەم بولامدۇ؟ (چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنچە كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ۋاقتىڭلار بولسىمۇ، لېكىن يوللاشقا يەتمەيدۇ-دە، شۇڭا مۇشۇ تەڭرىتاغ سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ كەڭ ئۇيغۇر ئاممىلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىدىغان باشقا مىللەت ئاممىلىرى بىلەن بايلىقتىن ئورتاق پايدىلانساق دېگەن مەقسەتتە.) قالغان سوئاللارنى كىيىنچە سوراپ قالارمەن! رەھمەت! 2009-11-2 18:13:12
ئۆزىنىڭ خەۋەر - ماقالىلىرىنى بىزگە ئەۋەتسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ . بىراق ، شىنجاڭ گېزىتىگە بېسىلىپ بولغان خەۋەرلەر بولسا ئەڭ ياخشىسى ئەۋەتمەڭ . چۈنكى بىز كۈندە دېگۈدەك شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنلىرىنى تورىمىزغا بېرىپ تۇرىمىز .
ئىلمىي ماقالىگە كەلسەك ، ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز . |
| No - 12 [ ئالماس ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
ماڭا پاي چېكى ۋە پۇل -مۇئامىلە كەسپىگە ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بار تور بەت ئادىرسى لازىم ئىدى ... ئىلگىركى تورلارنىڭ كۆپۇنچىسى ئېچىلمىغاچقا بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش بەكلا قۇلايسىز بۇلۇپ قالدى شۇڭا مۇشۇ ھەقتىمۇ يېڭى ئۇچۇرلار بۇلسا تەمىنلىسەڭلار ۋە تور ئادىرسى بۇلسا يوللاپ قويساڭلار دىگەن ئۈمۈتتىمەن .... رەھمەت جاپا چەكتىڭلار 2009-11-1 23:22:04
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-07/20/content_220061.htm
بۇ ئادىرىس ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالايسىز . |
| No - 13 [ قانۇن -نىزام سەھىپىسى يولغا قويۇلسا ] |
![]() مەن قانۇن يىڭى چىققان قانۇن نىزاملارنى تەڭرىتاغ تورىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىمەن لىكىن ئۇ قانۇن نىزاملارنى ئىزدىمەك بەك تەس ئىكەن مەخسۇس قانن نىزاملار سەھىپىسى قۇرساڭلار بەك ياخشى بولاتتى
2009-11-1 19:55:58
بىز پات يېقىندا قانۇن -نىزام سەھىپىسى قۇرماقچى . ھازىرچە قانۇن- نىزاملارنى مۇھىم خەۋەرلەردىن كۆرۈپ تۇرغايسىز .
|
| No - 14 [ مەترۇزى(نىيا) ] |
![]() ئەسسالام تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىكى ھارماس تۆھپىكارلار ! ئالدى بىلەن تېنىڭلارنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭلارنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن . شۇنداقلا خەلقنى كۈندە يېڭى - يېڭى ئۇچۇر ، خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۋاتقىنىڭلار ئۈچۈن چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . مەن سىلەرنىڭ تەڭرىتاغ ئېكرانى ۋە ئېكراندىكى شىنجاڭ قاتارلىق سەھىپىلىرىڭلارنى قىزىقىپ كۆرىمەن . مەزمۇنى ھەقىقەتەن مول ، لاھىيىلىنىشى ناھايىتى كۆركەم بوپتۇ . ھارماس باغۋەنلەر ، تېخىمۇ تىرىشقايسىلەر ! تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئىچىدە سەركەردىلىك ئورۇندا تۇرىشىغا تىلەكداشمەن ! ئامان بولغايسىلەر .شۇنداقلا بۇندىن كىيىنمۇ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
2009-11-1 16:34:41
بىزگە بەرگەن باھايىڭىزگە كۆپ رەھمەت . بىز داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيمىز .
|
| No - 15 [ زاكىرە ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر !
مەن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ تەپسىلى خەرىتىسىنى كۆرمەكچى ئىدىم شۇڭا ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار ... رەخمەت سىلەرگە ئاۋارە قىلدىم . 2009-10-29 20:50:48
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىمىزنىڭ خەرىتىدىكى شىنجاڭ سەھىپىمىز سىزنىڭ بۇ ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ . بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈڭ .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/xinjiang/node_881.htm |