|
| No - 1 [ مۇھەممەد ] |
![]() ھۆرمەتلىك مۇھەررىر ياخشىمۇ سىز؟
مەن تەڭىرتاغ تور بىكىتىنىڭ بىر نەچچە يىللىق ئابونتى بۇلۈش سۈپۈتۈم بىلەن ھەر كۈن دىگۈدەك تەڭرىتاغ تورىنى كۆرۈپ مەملىكەت ۋە دۇنيادىكى يېڭى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرىمەن. مەن بۈگۈن مۇنۇ خەۋەرنى كۆرۈۋېتىپ ، خەۋەردىكى بىر ساننىڭ خاتا يېزىلىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم،خاتالىقىغا ئىشەنچە قىلالماي سوراپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ سۆزلەرنى قالدۇردۇم، ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز! ئىگىلىنىشىچە، 2009 – يىلدىن 2011 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆي ئىجارە بېرىش، ئۆي ئىجارە بېرىش تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەھەردىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار 303 مىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىنىڭ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي ئىجارە بېرىش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن 244 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 85 مىڭ يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، 28 مىڭ يۈرۈش ئەرزان، ئەپچىل ئۆي، 180 مىڭ كۋادرات مېتىر ‹‹ھىممەت ئۆيى›› سېلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدىكى 244 يۈرۈش دىگەن سان توغرىمۇ؟ 2009-9-23 11:53:22
سىزنىڭ تور بېتىمىزگە يېقىندىن دىققەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت . سىز ئېيتقاندەك 244 دېگەن ساننىڭ كەينىدىكى مىڭ دېگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ ، تۈزۈتۈپ قويدۇق . داۋاملىق تەكلىپ- پىكىر بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-09/22/content_245985.htm بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈپ بېقىڭ . |
| No - 2 [ ئېلى ] |
![]() ماڭا باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ ئاپتونوم رايۇنلۇق كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى لازىم ئىدى . بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار . رەخمەت .
2009-9-23 0:20:19
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-08/26/content_235081.htm
بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ . |
| No - 3 [ 10+2=13 ئەپەندى ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك جاپاكەش مۇھەرىرلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇخبىرلار ، سىلەرنىڭ روزى ھېيتىڭلارغا شۇنداقلا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان تاۋۇزچاغىنى ۋە دۆلتىمىزنىڭ 60 يىللىق تويىغا مۇبارەك بولسۇن !!!
ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، قازاق ................ ھەر مىللەت مۇخبىرلىرى مۇشۇنداق بايراملاردا دەم ئالماي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كۆپ جاپا تارتتىڭلار ، سىلەرگە كۆپ تەشەككۇر بىلدۇرىمىز !! سىلەرنىڭ بۇ توربىتىڭلاردىكى ھەممە مەزمۇن مىنى خۇشال قىلىدۇ ھەم سۆيۇندۇرىدۇ ، ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ تېز ھەم سۈپەتلىك !! سىلەرگە ئامەت ۋە بەخىت خۇشاللىق تىلەيمەن . ھەر مىللەت خەلىقى بولۇپ ئىناق ، دۆلەتنى تىخىمۇ گۇللەندۇرەيلى !!! ھەر مىللەت خەلقى بولسا ئىتتىپاق ، دۆلەت تاپقۇسى روناق . 2009-9-21 21:57:53
خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە نىشانىمىز . بىز داۋاملىق تىرىشىپ خەلق ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى بېرىشكە كۈچ چىقىرىمىز . تورداشلارنىڭ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت .
|
| No - 4 [ ئابدقەييۇم ئابدكرەم ] |
![]() <<زەھەر چەكلەش مۇكاپاتلىق جاۋاپ بىرىش>>سوئالىدا تاق تاللاش،كۆپ تاللاش،ھۆكۇم قىلشتىن ئۇچىدىن بىرىگە جاۋاپ بەرسە بولامدۇ؟ياكى ھەمىسگىمۇ؟
جاۋاپ بىرلسە؟ 2009-9-21 19:01:16
بۇ پائالىيەت خېلى بۇرۇنلا ئاياقلىشىپ بولغان . سىزنىڭ كېينكى پائالىيەتلىرىمىزگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشڭىزنى قارشى ئالىمىز .
|
| No - 5 [ مۇئەللىم ] |
![]() سالام سىلەرگە تەرڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ جاپاكەش تۆھپىكارلىرى !بۇ توربېكەت ئارقىلىق بەكمۇ كۆپ يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە ئىگە بولىۋاتىمىز.
يېقىندىن بېرى تارقىلىۋاتقان يۇقۇملۇق h1n1 تىپلىق زۇكام ھەققىدىكى تەشۋىقات ماتىرىيالى بەكمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى.بولسا بۇنى يوللاپ قويساڭلار بەكمۇ مىننەتدار بولاتتۇق. 2009-9-16 23:26:29
بىز يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە كۆپ ئۇچۇرلارنى يوللىدۇق . كۈندۈلۈك قىزىق نۇقتا سەھىپىمىزگە دىققەت قىلىڭ ھەمدە تۇرمۇش سەھىپىمىز ئىچىدىكى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئاچسىڭىز تولۇق مەزمۇندىن خەۋەردار بولىسىز .
|
| No - 6 [ مەنزىرە ] |
![]() ئوقۇتقۇچىلىق ئىمىتانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ئۇتۇپ كەتتىمۇ ياكى ئا لدىمىزدىمۇ .شۇنىڭدىن ماڭا خەۋەر بەرسەڭلەر رەخمەت سىلەرگە .
2009-9-7 12:30:53
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/content/2009-09/01/content_237558.htm
بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ . |
| No - 7 [ يىزا ئىگىلىك بىرنىچى دىۋىزىيىدن :تۇنساگۇل ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ،مەن بۇ تور ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم .ئىلگىرى مەن ئۇيغۇرچە تور بېتىنى كۆرۇپ
باقماپتىكەنمەن . بىڭتۇندە ئىشلىگەچكە مۇنداق بىر ياخشى تور بېتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . بۇگۇن خەنزۇچە تور بېتىنىڭ ئۇستىدە ئۇيغۇرچە دىگەن خەتنى كۆرۇپ ئېچىپ نۇرغۇن خەۋەرلەرگە ئىگە بولدۇم . سىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق توغرىسدا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن . ئاخىردا خىزمىتىڭلارنىڭ ئۇڭۇشلۇق تىنىڭلارنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن . 2009-9-6 17:29:40
سىز ئېيتقاندەك تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز .
|
| No - 8 [ مەمەتجان ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تەڭرىتاغ تورىدىكى يولداشلار، ياخشىمۇ سىزلەر؟
مەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى.مۇمكىن بولسا تەڭرىتاغ ئىكرانىنى سەھىپىسىنىڭ<< دۇنيا ھەپتىلىكى>> پىروگىراممىسى ھەر ھەپتىدە ، ئۆز ۋاختىدا يېڭىلىنىپ تۇرغان بولسا..... سىزلەر بەكلا ئالدىراشمۇ ياكى تازا كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتامسىزلەر ھىچ چۈشەنمىدۇق. مۈمكىن بولسا شۇ پىروگىراممىنى ئۆز ۋاختىدا كۆرەلىگەن بولساق بىز ناھايىتى خۇشال بولغان بولاتتۇق. 2009-9-6 14:29:04
5-ئىيۇلدىن كېيىن تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر قىسىم پروگراممىلىرى بېرىلىشتىن توختىغاچقا ، بىزمۇ تورىمىزدا بېرەلمىدۇق . شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىدا بېرىلگەنلا بولسا بىزمۇ دەل ۋاقتىدا بېرىمىز .
|
| No - 9 [ ياسىن ھاپىز ] |
![]() ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتىمۇ ؟
2009-8-29 14:04:00
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى . بۇ خەۋەرنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ.
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-08/31/content_237123.htm |
| No - 10 [ ئايگۈل ] |
![]() ئەسسالام تەڭرىتاغ توردىكى جاپاكەش مۇھەرىرلەر ياخشىمۇ سىزلەر؟ مەن خىزمەت بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ بۇ قېتىمقى 自学
ئىمتھانىغا تىزىملىتالماي قالغان ئىدىم. تىزىملىتىش ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەنمىدۇ بىلمەي قالدىم. 2009-8-29 11:42:58
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-08/12/content_227862.htm
بۇ ئادىرىس ئارقىلىق بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار بولۇڭ . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇچۇر تېخى بىزگە يېتىپ كەلمىدى . |
| No - 11 [ چوڭلار مائارىپى ] |
![]() ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ، ماڭا چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش تورىنىڭ ئادرىسى لازىم ئىدى ، بىلدىغان بولساڭلار ياردەم قىلغان بولساڭلار .
رەخمەت !!!!!!!!!!!!!!!!!! 2009-8-28 20:24:41
بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ . بىز ئىمتىھان ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئادەتتە <<قىزىق نۇقتا>> سەھىپىمىزگە ۋە <<پەن-مائارىپ>> سەھىپىمىزگە بېرىمىز . شۇ سەھىپىلەرگە دىققەت قىلغايسىز .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-08/24/content_233947.htm |
| No - 12 [ بىلىقىز ] |
![]() ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى جاپاكەشلەر :
مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ قەلىمىڭلارنىڭ ھارماي بىزنى مۇھىم خەۋەرلەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭلارغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. مەن سىزلەردىن بىر سۇئال سۇرماقچى ئىدىم ، مەن نەچچە رەت خەۋەر يوللماقچى بۇلۇپ زادىلا يولليالمىدىم ، مەن قانداق قىلسام مۇۋاپىقيەتلك يولليالايمەن . ياردەم قىلشىڭلارنى سۇرايمەن . 2009-8-28 18:57:10
بىز خەۋەر يوللاش ئۇسۇلىنى كۆپ قېتىم تورداشلارغا ئېيتىپ بەردۇق . سىز <<بېكەت ئۇقتۇرۇشى>> ئىچىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلارغا يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ چىقسىڭىز ، يوللاش ئۇسۇلىنى بىلەلەيسىز .
|
| No - 13 [ ھەسەنجان ئەزىمەت ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى جاپاكەش مۇھەرىرلەر ياخشىمۇ سىزلەر؟
ماڭا 7.0 potoshop نى چۇشۇرۇش دىتالىنى تېپىپ بىرەمسىزلەر ماڭا بەك لازىم ئىدى رەخمەت سىزلەرگە 2009-8-24 14:02:29
بۇ يۇمشاق ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ
http://www.xjtsnews.com/normal/down/photoshop7.rar |
| No - 14 [ ھەسەنجان ] |
![]() ماڭا DVD ھۆججىتىنى VCDھۆججىتىگە ئايلاندۇردىغان دىتال لازىم بۇلۇپ قالغان ئىدى .شۇنى بىر توربەتكە چىقىرىپ قويغان بولساڭلار .
2009-8-23 20:43:58
بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ
http://www.xjtsnews.com/normal/down/VConverter.rar |
| No - 15 [ مۇقىم IP ئورنىتىدىغان ئامال بولسا ... ] |
![]() ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىنى مۇلازىمېتىر قىلىپ بىر يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش بېتى بىلەن تورداشلارغا رەسىم تەمىنلەيدىغان رەسىم تور بېتى قۇرماقچى ئىدىم. شۇڭا كومپيۇتېرىمنى كېچە - كۈندۈز ئۇچۇق قويۇشۇم كېرەك ئىكەن. بىر نەچچە كۈندە يېرىم كۈن ئەتىراپىدا قويۇپ سۇۋۇتاي دېسەم كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساملا كومپيۇتېرنىڭ IP سى ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن. مودىمدىن چىققان ئابونتلارنىڭ تاشقى تور IP سى Default Gateway نى مۇقىم IP قىلىپ كومپيۇتېر قايتا قوزغالسىمۇ يەنە شۇ پېتى تۇرىدىغان قىلغىلى بولارمۇ؟ بىزنىڭ بۇ يەردە تاسادىپى توك يوقاپ كېتىپ قالسا كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپ كېتىپ IP يەنە ئۆزگىرىپ كېتەرمىكىن دەيمەن. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ئىشنى ئويلاشقان ئىدىم. تورداشلارنىڭ مۇقىم IP ئورنىتىدىغان ئۇسۇلى بولسا قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 2009-8-22 11:42:23
ئۆي كومپيۇتىرىنى تېلگىراف تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇقىم IP سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
|